Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.45.0-wmf.3
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا
0
19927
172805
172796
2025-06-11T05:17:16Z
Andre Engels
80
merge
172805
wikitext
text/x-wiki
{{merge|غۇلامىدىن پاختا}}
{{Infobox person|ئات ۋە تەگئات=[[غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا]]|رەسىم ئىزاھى=[[File:Gholamidin-paxta.jpg|thumb|غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا]]|مىللىتى=[[ئۇيغۇر]]|توغۇلغان ۋاقتى=1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى|توغۇلغان جاي=[[قەشقەر شەھىرى]] [[ئېگىز ئېرىق كوچىسى]]|ئۆلۈم ۋاقتى=2024-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 6:30|ئۆلۈم يېرى=[[نىيۇيورك شەھىرى]]}}
غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا ([[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى]]: '''Ghulamidin Ekhmet Pakhta'''، تۇغۇلغان 1930-يىل) بولسا [[شەرقىي تۈركىستان]]لىق ئىنقىلاپچى ۋە ئۇيغۇر سىياسەتچى. غۇلامىدىن پاختا 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە قوشنا بولغان ئېگىزئېرىق مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە بىرقانچە ئەۋلادتىن بۇيان پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق سەرخىللىرىدىن ئىدى.
<ref>[https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-05092017151011.html?searchterm:utf8:ustring=%20%D8%BA%DB%87%D9%84%D8%A7%D9%85%D9%89%D8%AF%D9%89%D9%86%20%D9%BE%D8%A7%D8%AE%D8%AA%D8%A7%D9%86%D9%89%DA%AD%20%DA%BE%D8%A7%D9%8A%D8%A7%D8%AA%D9%89%201 غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (1): ئەزىزانە قەشقەردىكى بالىلىق)<!-- ئۇلانما -->]</ref>
==بالىلىقى ۋە ئوقۇش ھاياتى==
ئۇ 2 يېرىم ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىن يېتىم قالىدۇ. كېيىنچە دادىسى ئەخمەت پاختا شېڭ شىسەينىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ قەشقەردىن غايىب بولىدۇ. ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ.
1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر، ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ زەربىسىدە يىقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئەنە ئاشۇ تىنچسىز يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى مەكتەپ تەربىيەسىنى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ھامىيلىقىدا قەشقەرنىڭ نوبېشىدا ئېچىلغان «نەمۇنە» مەكتىپىدە ئالىدۇ.
==سىياسىي ھاياتى==
1930-يىللاردىكى قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا مەنسۇپ سەرخىللەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئېقىمدىكى سىياسىي گۇرۇھلار ۋە ئوخشىمىغان مەپكۇرىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت ئىدى. 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەخمەت پاختا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەپكۇرە جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماھىل ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.
1937-يىلى 4-ئايدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى قەشقەرنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي قەشقەردە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختىمۇ چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى بالىلىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، دادىسى ئەخمەت پاختىنىڭ ئەينى يىللىرى قەشقەردىكى 100 دىن ئارتۇق يېتىم بالىنى يىغىپ ئۆز چىقىمى بىلەن ئۇلارغا كوللېكتىپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سۈننەت تويىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
==باشقىلار==
*[[رابىيە قادىر]]
*[[دولقۇن ئەيسا]]
*[[ئەركىن ئەكرەم]]
*[[پەرھات مۇھەممەد]]
*[[ئۆمەر قانات]]
===ئاۋسترالىيە===
*[[نۇرگۈل ساۋۇت]]
*[[ئابدۇسالام ئالىم]]
==مەنبەلەر==
{{reflist}}
==سىرتقى ئۇلانمىلار==
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]
{{دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار}}
eifo29sx6rt1u5dnvqbkbbb031m20ft
ھامىدرېزا قوربانى
0
23688
172804
172579
2025-06-10T18:58:46Z
Bpjeduc
24018
زىيان كەلتۈرمەكچى بولغانلار ناھايىتى كۆپ. (بەتنى قوغداڭ.) (باشقۇرغۇچى ۋە دەلىللەنگەن ئىشلەتكۈچى)
172804
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:حمیدرضا_قربانی_خواننده_آهنگساز_پژوهشگر.jpg|thumb|295x295px]]
'''ھامىدرېزا قۇربانى''' (فارسچە: حمیدرضا قربانی؛ Hamidreza Ghorbani؛ 1991-07-39—) [[ئىران|ئىرانلىق]] ناخشىچى، ناخشا يازغۇچى، [[كومپوزىتور]]، [[مۇزىكانت]]، [[يارغۇچى|يازغۇچى]] ۋە تەتقىقاتچى. ھامىدرېزا غوربانى ئىراندىكى خەلقئارالىق مۇزىكا ۋە يېزىقچىلىقنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.2011 - يىلى ناسىر چېشم ئازارنىڭ نازارىتىدە پىئانىنو، تەركىب ۋە مۇزىكا نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئىسلام ئازاد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان ھامىدرېزا شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات فاكۇلتېتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. غوربانى ئىسلام ئازاد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياش ۋە سەرخىل تەتقىقاتچىلار كۇلۇبىنىڭ تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن مۇزىكا ساھەسىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ يازغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ ئىسلام ئازاد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ توردىكى پائالىيەتلىرىدىن باشقا، پارس مەتبۇئاتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان. ناخشىچى ۋە كومپوزىتور بولۇش سۈپىتى بىلەن پارس مۇزىكا تور بېكەتلىرىنى قۇرغاندىن كېيىن، [[ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى|ئامېرىكا]]، [[كانادا]] ۋە [[ياۋروپا]] سەنئەتكارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان ۋە 2021 — 2022 - يىللىرى ئۇلار بىلەن بىر قانچە قىسقا پىلاستىنكادا ھەمكارلاشقان.<ref>{{Cite web|title=Hamidreza Ghorbani in The Young Journalists Club (In Persian)|url=https://www.yjc.ir/00bOgM|access-date=2025-02-14|website=YJC}}</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
kabugnz22w1m23qjw2137am2neo9lkz