Wikipedia
ugwiki
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA
MediaWiki 1.45.0-wmf.5
first-letter
ۋاسىتە
ئالاھىدە
مۇنازىرە
ئىشلەتكۈچى
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى
Wikipedia
Wikipediaمۇنازىرىسى
ھۆججەت
ھۆججەت مۇنازىرىسى
MediaWiki
MediaWiki مۇنازىرىسى
قېلىپ
قېلىپ مۇنازىرىسى
ياردەم
ياردەم مۇنازىرىسى
تۈر
تۈر مۇنازىرىسى
TimedText
TimedText talk
Module
Module talk
تۇرسۇن ئايۇپ
0
8986
172858
161650
2025-06-16T04:19:56Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى، تۇرسۇن ئايۇپنىڭ تەرجىمىھالى قوشۇلدى.
172858
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[تۇرسۇن ئايۇپ]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1947-يىلى 2-ئاي|تۇغۇلغان-ئورنى=[[قورغاس ناھىيەسى]]|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى=2003-يىلى|كەسپى=تۈركولوگ}}
'''تۇرسۇن ئايۇپ''' ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، «ئوغۇزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەسلەيدۇ .
تۇرسۇن ئايۇپ 1947-يىلى 2-ئايدا قورغاس ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1965-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1971-يىلى 10-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
تۇرسۇن ئايۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن 27 يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار گىرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» ئۇيغۇر تىلىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئېچىلغان دەرسلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇ 1993-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخىنى تەتقىقات نىشانى قىلغان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئاچقان. 1982-يىلى لېكتور، 1990-يىلى دوتسېنت بولۇپ باھالانغان.
تۇرسۇن ئايۇپ پائال تۈردە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، يەنە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى «ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹دېمەك› پېئىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك»، «‹كاشغار تىلى› توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «‹ئالتۇن يارۇق› نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى بۆلىكى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا ئوقۇغان. خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىدىن بولغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق - ھەقىقەت بوسۇغىسى» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى - ئوغۇزنامە» (گېڭ شىمىن بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئابدۇقېيۇم خوجا، ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، «ئادەم قانداق پەيدا بولغان» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «دۇنيا تارىخىدىن پارچىلار» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «ماركسىزمچى پەلسەپە تارىخىدن قىسقىچە مەلۇمات» (جۇماخۇن نىياز بىلەن بىللە) قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكىى شۇكى، ئۇ 1986-يىلى ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى ھاۋالە قىلغان ئاپتونوم رايون ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7-بەش يىللىق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، ھەجمى 1 مىليون 500 مىڭ خەتكە يېتىدىغان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا دائىر يىرىك ئەسەر «ئالتۇن يارۇق» نى كەسىپدىشى مۇھەممەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىكتە، مۇقەددىمە، ترانسىكىرپسىيە، تەرجىمە، ئومۇمىي سۆزلۈك، ئىزاھتىن ئىبارەت بەش قىسىم بويىچە نەشرگە تەييارلاپ 1992-يىلى 2-ئايدا ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنغا تاپشۇرغان.
تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى رەتلەش ھەم تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان، يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ۋە شۇ ساھەدە مەخسۇس ئەسەر يېزىشنى بۇندىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانى قىلىپ ئىزدەنمەكتە.
== مەنبەلەر ==
«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى
» دېگەن كىتابتى ئېلىندى{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
5tx6ozahdy8jn8advv65papnnv7gtl5
172859
172858
2025-06-16T04:24:29Z
Bapkar
1429
172859
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[تۇرسۇن ئايۇپ]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1947-يىلى 2-ئاي|تۇغۇلغان-ئورنى=[[قورغاس ناھىيەسى]]|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى=2003-يىلى|كەسپى=تۈركولوگ}}
'''تۇرسۇن ئايۇپ''' ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، «ئوغۇزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەسلەيدۇ .
تۇرسۇن ئايۇپ 1947-يىلى 2-ئايدا قورغاس ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1965-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1971-يىلى 10-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
تۇرسۇن ئايۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن 27 يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار گىرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» ئۇيغۇر تىلىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئېچىلغان دەرسلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇ 1993-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخىنى تەتقىقات نىشانى قىلغان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئاچقان. 1982-يىلى لېكتور، 1990-يىلى دوتسېنت بولۇپ باھالانغان.
تۇرسۇن ئايۇپ پائال تۈردە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، يەنە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى «ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹دېمەك› پېئىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك»، «‹كاشغار تىلى› توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «‹ئالتۇن يارۇق› نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى بۆلىكى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا ئوقۇغان. خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىدىن بولغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق - ھەقىقەت بوسۇغىسى» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى - ئوغۇزنامە» (گېڭ شىمىن بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئابدۇقېيۇم خوجا، ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، «ئادەم قانداق پەيدا بولغان» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «دۇنيا تارىخىدىن پارچىلار» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «ماركسىزمچى پەلسەپە تارىخىدن قىسقىچە مەلۇمات» (جۇماخۇن نىياز بىلەن بىللە) قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكىى شۇكى، ئۇ 1986-يىلى ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى ھاۋالە قىلغان ئاپتونوم رايون ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7-بەش يىللىق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، ھەجمى 1 مىليون 500 مىڭ خەتكە يېتىدىغان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا دائىر يىرىك ئەسەر «ئالتۇن يارۇق» نى كەسىپدىشى مۇھەممەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىكتە، مۇقەددىمە، ترانسىكىرپسىيە، تەرجىمە، ئومۇمىي سۆزلۈك، ئىزاھتىن ئىبارەت بەش قىسىم بويىچە نەشرگە تەييارلاپ 1992-يىلى 2-ئايدا ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنغا تاپشۇرغان.
تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى رەتلەش ھەم تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان، يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ۋە شۇ ساھەدە مەخسۇس ئەسەر يېزىشنى بۇندىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانى قىلىپ ئىزدەنمەكتە.
== مەنبەلەر ==
«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابتى ئېلىندى{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
dvheqjcfa218f1m7fh2divwtk3gecvp
ئابلىمىت ئابدۇقادىر
0
11316
172853
161654
2025-06-16T03:02:01Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172853
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[ئابلىمىت ئابدۇقادىر]]|مىللىتى=[[ئۇيغۇر]]|كەسپى=زوئولوگىيە|مائارىپ-سەۋىيىسى=دوكتور}}
ئابلىمىت ئابدۇقادىر، تەتقىقاتچى، پروفېسسور، زوئولوگىيە دوكتورى. 1973 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ‹‹جۇڭگو ياۋا ئېتى ۋە ياۋا تۆگىسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش››، ‹‹ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق رايونلىرىدىكى مۈشۈك ئائىلىسى ھايۋانلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قوغداش – پايدىلىنىش ئۈستىدە تەتقىقات›› قاتارلىق بەش تەتقىقات تۈرىنى، ‹‹شىنجاڭ قۇشلىرى بايلىق مەنبەسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش›› قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەككىز تەتقىقات تۈرىنى ھەمدە باشقا ئاكادېمىيە، ئىنىستىتۇت ۋە يەرلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن يەتتىنى تاماملىغان، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلىرى›› قاتارلىق ئالتە كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان، يۇقىرىدىكى پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار 37 پارچە نەزەرىيىۋى ئىلمىي ماقالىنى ۋە 130 نەچچە پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، 1997 – يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ‹‹فاڭ شۇچۈەن ياش ئالىملىرى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .<ref> ئابلىمىت ئابدۇقادىر قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار›› ناملىق كىتابتىن</ref>
<!--[[File:Ablimit.jpg]]-->
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
4rciaqitfydf7mthhre392c8az2b8lt
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
0
11404
172852
161651
2025-06-16T02:58:11Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172852
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1950-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى|تۇغۇلغان-ئورنى=[[قەشقەر]] شەھىرى [[يۇمۇلاق شەھەر كۆلبېشى]] مەھەللىسى|مىللىتى=[[ئۇيغۇر]]|مائارىپ-سەۋىيىسى=دوكتور|كەسپى=تىلشۇناس}}
ئۇ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىيدۇر.
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1950 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاستانىسى بولغان قەشقەرنىڭ يۇمۇلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 - يىلى قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ 1972 – يىلىغىچە يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان، بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ئىستىكىدە ئۆگىنىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 1972 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1975 – يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقتىن، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ۋاقتى ئۇنىڭ بىلىم دېڭىزىدىكى غەۋۋاسلىقىنىڭ باشلانغان دەۋرى بولغان. ئۇ دەستلەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانما، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. كېيىنرەك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن. بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈش داۋامىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش - ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئەرەب، پارس تىللىرى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان. 1978 – يىلى 3 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرستېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984 – يىلى 4 – ئايدىن 1985 – يىلى 10 – ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغداد، كۇفە ، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە، ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، ئەرەب تىلى بويىچە پىراكتىكا قىلغان. 1986 – يىلىدىن 1988 – يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996 – يىلى 10 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە؛ ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىدا ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن ) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1997 – يىلى 10 – ئايدىن 2002 – يىلى 4 – ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل – تارىخ – جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا چاغاتاي تۈركىي تىل ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئاسپرانتى بولۇپ ئوقۇغان.
ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2002 – يىل 5- ئاينىڭ 20 – كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۆۋەندە ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1975 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغاندىن باشلاپ ئاتاقلىق تىلشۇناس، مەرھۇم پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى جەھەتلەردىن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى باشلىغان. « ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش - ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ۋە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پەقەت چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولغىلى بولىدۇ » دەپ قارايدىغان ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى، دەرس مۇنبىرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى »، « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى »، « ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى »، « ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى »، « تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى »، « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى »، « چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى »، « نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى »، « تۈرك تىلى »، « ئەرەب تىلى » قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. ئۇ ئۇقۇتۇش خىزمىتى داۋامىدا، 1986 – يىلى لېكتورلىق، 1992 – يىلى دوتسېنتلىق، 2004 – يىلى پروفېسسورلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1992 – يىلىدىن باشلاپ ماگېستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە يەتتە نەپەر ماگىستېر تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. 2007 - يىلى دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.
= پىروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ تەتقىقات ئىشلىرى ھەققىدە (2) =
غالىب بارات ئەرك پىروفېسسور گېڭ شىمىن ئەپەندى بۇ كىتابقا ۋە ئالىمنىڭ تەتقىقاتىغا باھا بېرىپ « ... ئۇشبۇ كىتاب ئۇيغۇر مۇقام تېكىستلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي يازمىلار ئاساسىدا ترانسىكرىپىسىيە قىلغان، تارىختىن بۇيانقى تۇنجى شۇنداقلا بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇھىم ئەسەردۇر. ... پروفېسسور ئابدۇرەئوپ 1986 – يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 18 يىل سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ۋە موزېيلارغا بېرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن، ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى ئېلىنغان قوليازمىلارنى يىغدى. ئاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى يازمىلار بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ترانسىكرىپىسىيىلەرنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، ئاخىرىدا، مەزكۇر ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ›نى تۈزۈپ چىقتى. ... مېنىڭ قارىشىمچە، نەشر قىلىنغان ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى › كىتابى ئەمەلىيەتتە، مېنىستىر دەرىجىلىك، ھەتتا دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات سەۋىيىسىدىكى ئەسەردۇر ... ئۈمىدىم ئۇنۋېرستېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى پروفېسسور ئابدۇرەئوپنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىسا، قوللىسا، رولىنى تېخىمۇ بەك جارى قىلدۇرىشىغا تۈرتكە بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئاسپىرانت تەربىيەلىشىگە زۆرۈر ۋە قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرسە » دەپ تەۋسىيە پىكرى يازغان.
ئانا تىل مەرىپىتىنى « قەلب چىرىقى»، « ۋۇجۇت، تەننىڭ يىلىكى»، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى بولسا، « ئەجدادلارنىڭ تىلىكى» دەپ قارايدىغان پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ئانا تىل ۋە ئانا ۋەتەن ئۈچۈن قىلغان يەنە بىر مۇھىم ئەمگىكى « ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى »( بۇ كىتاب 1995– يىلى ش ئۇ ئا ر تۇنجى نۆۋەتلىك كىتاب باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. 1996– يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا، 1997 – يىلى مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) دېگەن كىتابى بولۇپ، 1994– يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابمۇقەددىمە، 10 باب بايان ۋە خاتىمەدىن تۈزۈلگەن، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسىگە بېغىشلانغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر: ئۇيغۇرلار]]
[[تۈر:1950 - يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
3s8vuc6ialiugpeobj02dmhwqtji7p1
ئالىم ئەھەت
0
12680
172854
161668
2025-06-16T03:17:59Z
Bapkar
1429
172854
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[ئالىم ئەھەت]]|رەسىمى=|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى|تۇغۇلغان-ئورنى=[[ئاقسۇ]] [[شايار]] ناھىيەسى|مىللىتى=[[ئۇيغۇر]]|مائارىپ-سەۋىيىسى=ئاسپرانت|كەسپى=ماتېماتىكا}}
'''ئالىم ئەھەت'''، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئېگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى ئۈچۈن يېڭى ۋە قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا ئائىت 3000 سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ. قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئاسپىرانتلىق، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.
ئالىم ئەھەت 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، C/C++ ۋە Microsoft . NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.
ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر كىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
2008-يىلى 11-ئايدا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سانىدا تونۇشتۇرۇلدى.
(شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىسىدا) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «پەن ۋە مائارىپ »، «مەدەنىيەت بوستانى»، «ئىقتىساد كۆزنىكى»، . . . . قاتارلىق پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئالىم ئەھەت بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدا نۇرغۇن زىيارەت ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە «كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى»نى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن، پروگرامما لايىھىلەشتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1993-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا كىرگەن ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا، UDOS ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ تىللىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشتا مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى پۇختا يېتىلدۈرگەن. 1995-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى 9-فاكولتېتى) غا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى6-ئايدا، ئۈرۈمچى قىزىل بايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا، شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتى-ئۈرۈمچى ئۇيغۇر سوفت كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرغان.
== بىرىنچى:«ئۇيغۇر سوفت ئەلكاتىپ» ==
1998-يىلى 10-ئايدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە TrueType خەت نۇسخىسىنى ياساپ، «ئۇيغۇر سوفت ئەلكاتىپ» (ALKATIP) نى بازارغا سالغان. ئۇ Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ بولۇپ، شىنجاڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، كەڭ ئومۇملاشقان. شىنجاڭ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ماركىسى» نى ياراتقان.
== ئىككىنچى:«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى» ==
«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى 2005» (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)
«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى 2007» (ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)
«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى 2008» (ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قارارى» ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. رايۇنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مۇشۇنداق غايەت زور يوشۇرۇن بازاردا ئەپچىل، تولۇق ۋە مەزمۇنى يېڭى لۇغەت يۇمشاق دېتالى ئىشلەش دەۋرنىڭ جىددىي تەققەزاسىغا ئايلاندى.
«ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى» دە خەنزۇ تىلى خەت لۇغىتى، سۆزلۈك لۇغىتى ۋە تۇراقلىق ئىبارە لۇغىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشتۈرۈگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار تولۇق، تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر 26 نەپەر خادىمنىڭ (2001-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 4-ئايغىچە) تۆت يىللىق ئەجىر-مېھنەت تەرىگە پۈتۈپ چىققان ئۇنىۋېرسال لۇغەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
== ئۈچىنچى:«ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى» ==
ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كەسپىي كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى. ئۇ ئاخبارات-نەشرىيات ۋە ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ساھەسىدە قوللىنىشقا ئېرىشىپ، ماقالىنىڭ ئىملا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، ھەمدە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بىر ماقالىگە ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلغاندا 4-5 قېتىم كۆرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ كۆپ، چىقىممۇ يۇقىرى بولغاندىن سىرت يەنە خاتالىقتىن ساقلانماق قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن چەكلىمىگە ئېگە. يۇقىرى ئۈنۈمدىكى ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىش، ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلغاندىكى چەكلىمىلەرنى تولۇق ھەل قىلىپ، خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ۋاقىت ۋە زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى تېجەپ بېرىدۇ.
مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى، ش ئۇ ئا ر يۇقىرى سوت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى رايونلۇق سوت، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ساقچىخانا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، بىر قىسىم نەشرىيات ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، …قاتارلىقلار «ئۇيغۇر سوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى»، «ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى» قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەكتە.
== تۆتىنچى:باشقا نەتىجىلەر ==
=== 1. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى: ===
ئالىم ئەھەت شىركەت قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈلۈكىنى، بۇ جەھەتتە چوقۇم بىر ژۇرنال بولۇشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى تۇنجى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ژۇرنىلى-«كومپيۇتېر دۇنياسى» نەشىردىن چىقتى. 2002-يىلى 10-ئايدا، دۆلەت ئاخبارات باش مەھكىمىسى تەرىپىدىن نامى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» قا ئۆزگەرتىلىپ، «دۆلەت ئىچىدە ئاشكارە بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان ژۇرنال» قىلىپ تەستىقلاندى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن داۋاملىق چىقىرىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ تىراژى 15 مىڭغا يەتتى.
=== 2. لوندوندائىلمىي زىيارەت: ===
2001-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورىMichael C Boulter (مايكېل. س. بولتېر) ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوندۇنغا بېرىپ، شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ ئايلىق ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشتى. پروفېسسور Michael يازغان《Extinction, Evolution and the Endof Man》ناملىق كىتابتا ئالىم ئەھەتنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
=== 3. «2007ھەمكارلىق» يىغىنى: ===
ئۈرۈمچى قارلۇق شىركىتى، ئۇيغۇر ئىجادىيەت تورى، ئامېرىكا ئالما (جۇڭگو) شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت (ھەمكارلىق 2007) يىغىنىنى پىلانلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئىلمىي دوكىلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئېچىش تېخنىكسى ۋە بازار ئىستىقبالى» ھەققىدە دوكلات بېرىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
=== 4. ئازسانلىق مىللەت ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتا قىلىنغان كارخانا ===
دۆلەت «10-بەش يىللىق پىلان» ۋە «11-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتا قىلىنغان كارخانا شەرىپىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
== بەشىنچى:ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرلىرى: ==
1. بېيجىڭ داياڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسى.
2. ئۈرۈمچى كادىرلار ئىدارىسى ئۇنۋان باھالاش سىستېمىسى(خەنزۇچە)
3. چېڭدۇ سۇبېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسى.
4. شىنجاڭ تىل-يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ «ئالتۇن تىل» سودا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە كىرگۈزۈش سىستېمىسى»
5. شىنجاڭ رۈيلى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «شىنجاڭدىكى ئايرودروملاردا ئىشلىتىدىغان ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى يەنى رادىئو ئاڭلىتىش يۇمشاق دېتالى»
6. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى ATM سىستېمىسى.
7. شىنجاڭ كېچۇاڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تۇنجى رەقەملىك تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچ سىستېمىسى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىلاشقان جاي. ئۇيغۇرتىل-يېزىقى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن رايونىمىزدا بىرلىكتە قوللىنىلىدۇ. باشقا مىللەت تىل-يېزىقى شۇ مىللەت ئاپتونومىيىلىك ئورۇنلىرىدا مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ساھەلىرىدە قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىل-يېزىقىدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى.
ئالىم ئەھەتنىڭ باش لايىھەسى ۋە بارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى ئۇيغۇر سوفت كومپيۇتېر شىركىتى ئەلكاتىپ، لۇغەت، كوررېكتورى ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچەۋە قىرغىزچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇھىم تېخنىكلىرى بازار ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، پوچتا-تېلېگراف، پۇل-مۇئامىلە، ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىپ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ھازىر، «ئۇيغۇر سوفت» شىركىتى شىنجاڭدا تەسىرى بار يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئالىم ئەھەت 2008-يىلى 11-ئايدا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10 مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
[https://web.archive.org/web/20130430142646/http://www.alimahat.com/ ئالىم ئەھەت بىلوگى]
[http://www.uighursoft.com/ug-cn/about/alimahat.html ئۇيغۇرسوفت شىركىتى]
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]
[[تۈر:ئۇيغۇر تەبئى پەن ئالىملىرى]]
[[تۈر:ئۇچۇر-تېخنىكاچىلار]]
axxe190hjx58k90plx1vuyacgjjhr0n
تاشپولات روزى
0
13500
172857
161672
2025-06-16T03:36:13Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172857
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[تاشپولات روزى]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1962-يىلى 4-ئاي|تۇغۇلغان-ئورنى=[[ئىلى]] [[تۇققۇزتارا]] ناھىيەسى|مىللىتى=ئۇيغۇر|مائارىپ-سەۋىيىسى=دوكتور|كەسپى=ماتېماتىكا}}
===== ئامېرىكىدىمۇ تاشولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار =====
__ ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە
مىرزات مۇسا
1990-يىىلارنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ھازىرقى قولايلىق ئىنتېرنېت ۋاسىتىسىدە بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەر تېپىپ ئىلھاملاندى، پەخىرلەندى. ئۇلار ياشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئىنتېرنېتقا كىرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا بولغان تەشنالىق كۈچىيىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ يىللاردا چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ نەتىجە قازانغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھەتتا ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلدا ئوقۇغانلاردىن ئىكەنلىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا. مەيلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك بولغان ھوشۇر ئىسلام ئاكا بولسۇن ۋە ياكى چەت ئەللەردىكى ئاشۇ مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولسۇن ئانا تىل كۆۋرۈكى ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە ئۇلاشقان، بۇ ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئۇلار ئانا تىلىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىغۇچى پاكىتلاردىن بولغانلىقى بىلەنمۇ خەلقىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور [[تاشپولات تېيىپ]] ھەم شۇ جۈملىدىندۇر. ماتېماتىكا ئىلمى بىر تۈۋرۈك پەن سۈپىتىدە كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، نەتىجە قازىنىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى نۇرغۇن كىشى ھېس قىلالايدىغان بىر پەن. مانا مۇشۇ پەن بويىچە ئىزچىل تەر تۆكۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىمۇ «تاشپولات» ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بارلىققا كېلىپ، ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر خەۋەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ تۇرماقتا.
بۇ يازمامدا مەن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى، ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ھەققىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىپتىخارلاندۇرسا، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدە باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا رىقابەت سەھنىسىدە چاقناپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تاشپولات روزى 1962-يىلى 4-ئايدا ئىلىنىڭ تۇققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاشپولات روزىنىڭ دادىسى روزى ئاكا ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا 10 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روزى ئاكا بۇ مەزگىللەردە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاخىرىدا گېنېرال مايور [[مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف]]نىڭ كانۋىيى بولىدۇ. 10 يىل ئۆتۈپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغان «ئىنقىلاب»نىڭ قارا بورىنى روزى ئائىلىسىنىمۇ بوش قويمايدۇ. روزى ئاكا نۇرغۇن قېتىملاپ «تارتىپ چىقىرىلىدۇ»، «كۈرەش قىلىنىدۇ». لېكىن، مىللىي ئارمىيەدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە بىلىملىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ مىللەتنى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان روزى ئاكا، مەيلى قىيىن - قىستاقلاردا بولسۇن ۋە ياكى جاپالىق تۇرمۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان تاشپولات روزى، دادىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلايدۇ.
توققۇزتارا تاشتۆپە باشلانغۇچ مەكتىپى تاشپولات روزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن مۇئەللىملىرى ئۇنى 3-سىنىپتىن بىۋاسىتە 6-سىنىپقا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ پەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى دەپ قارالغان ماتېماتىكىغا قىزىقىشى دەل شۇ مەزگىلدىن يەنى توققۇزتارا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. تاشپولات روزى، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدە، ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك، تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىلىشىمچە، ماتېماتىكا كىشىدىن تولىمۇ ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ، بىر نۆلنىڭ ئوڭ ياكى سول بولۇشىمۇ نەتىجىدە ئاسمان - زېمىن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ بىنانىڭ قانچىلىك ئېگىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىگە باغلىق دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان ئىكەن! توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، تاشپولات روزى 1979-يىلى يازدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ماتېماتىكا نەتىجىسى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1-بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ يەنى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم ئالىدۇ.
تاشپولات روزى 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ 4 يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا يەنە، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇستازلىرىنىڭ ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ نەزەرىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۈمىدلىك ياشقا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر دەرەخنىڭ قانچىلىك مېۋە بېرەلىشى، باغۋەننىڭ ئۇنى قانچىلىك پەرۋىش قىلىشىغا باغلىق. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەل شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تاشپولات روزىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىدىن تىلىۋالدى مۇھەممەت، رىشات ھەسەن، ئابلىكىم ھاجى، ئابدۇراخمان ۋەكىلى، نىياز مۇھەممەت، مۇھەممەت ئابدۇللا، ئاغزانباي، قاھار قادىر قاتارلىقلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتۈشلىرىدىن ئىلھام ئالغان تاشپولات روزى، كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرىدە ئۆزىدە ئاشۇ ئۇستازلىرىغا ئوخشاش، تەلەپچانلىقنى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مائاشچىغا ئايلىنىپ كېتىپ بېرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىل بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ پارلاق بولغان كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ شەرەپلىك يېرى دەل ئۇنىڭ ئۆز مايسىلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا ئىپادە تاپىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى تولۇق كۇرسنى ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۇنىۋېرستېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 1990- يىلى تاشپولات روزىنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر بۇرۇلۇش بولىدۇ، ئۇ ياپونىيە توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىغا 2 يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. بىلىم ئاشۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. مەيلى بىلىم ئاشۇرۇش جەريانى بولسۇن ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېرىلىدىغان ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بۇ مەكتەپتىن تۇنجى بولۇپ ئالىدۇ. 1994-يىلى، تاشپولات روزى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇققا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئاددەتتە ماتېماتىكا كەسپى قىيىن بولغانلىقتىن، بۇ كەسىپتە دوكتورلۇق ئوقۇيدىغان كىشىلەرمۇ ئانچە كوپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدىغان بۇ ياشنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن تاشپولات روزى 1998-يىلى ماقالىسىنى باھالاش ھەيئىتىگە سۇنىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالە سۇنۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاشپولات روزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى فۇكۇيو ئاكىيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 6 ئايچە ئۆتۈپ، تاشپولات روزى ماقالە باھالاش گۇرۇپىسىدىن جاۋاب ئالىدۇ. باھالاش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ماقالىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ فورمۇلالارنىڭ بارلىقىنى، چۈشىنىشكە سەل قىيىن توختىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ يازغان ماقالىسى ئەيلىر تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمىنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پارتلىشى بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى سەۋەبلىك، باھالاش ھەيئىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنى شۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن پىروفېسسور ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىگە باھالاشقا ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى تاشپولات روزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماقالىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭلىمىلەرنىڭ بۇ ساھەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تاشپولات روزى بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى بۇ ماقالىسىنى ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياپونىيە فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. تاشپولات روزى بۇ جەرياندا بىلىمنىڭ چەت ئەللەردە نەقەدەر چوڭ قەدىر-قىممىتى ھەمدە ھۆرمىتى بارلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. 2000-يىلى تاشپولات روزى ماتېماتىكا كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، يېڭى بىر مۇساپە يەنى ئامېرىكىغا قاراپ يول ئالىدۇ.
ئامېرىكا ئىنتايىن قىزىقارلىق دۆلەت، بۇ دولەتكە ھەممە كىشى، بايمۇ، نامراتمۇ، زىيالىيمۇ، سودىگەرمۇ، قاراقچىمۇ قىزىقىدۇ. كىشىلەر چۈشلىرىدە ئامېرىكىنى كۆرىدۇ، خۇددى ئامېرىكىغا كەلسە ھەممە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك، ئانچە بەدەل تۆلىمەي، جاپا تارتمايلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى، تۇمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى سىرتتا تۇرۇپ ھېس قىلالايدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز سانلىق. بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى قىلىشىمدىكى سەۋەب، ياشلىرىمىزدا ئامېرىكىغا كېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىغا كېلىش ياكى چەتكە چىقىشتا ھەرگىزمۇ جان بېقىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى شەخسەن ئويلايمەنكى، ئەگەر جان بېقىش مەقسەت بولسا، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت!
شۇنداق قىلىپ، تاشپولات روزى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا، پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسىپنى پۇختا بىلگەندىن سىرت، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئىنگلىزچە يادلايدۇ، توختىماي ئىنگلىزچە ماتېرىيال كۆرىدۇ. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ بىر يىلغا قالماي ئىنگلىزچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئوقىيالايدىغان ھەمدە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەكرار قىلىش سىنىپىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىدىن تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يېشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاشپولات روزى لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەسمىي مۇئەللىم بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق ئانالىز، ئېلېمېنتار ماتىماتىكا، تىرىگونومېتىرىيە، سىزىقلىق ئالگېبرا، كومپيوتېرنىڭ قوللىنىلىشى، ئىقتىساد ماتېماتىكىسىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ سىنىپىغا تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ مەكتەپنىڭ يىللىق ھەمدە مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشلىرىدا «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىدە تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى يېتىلدۈرگەن تاشپولات روزى 2010-يىلى، ئانتېلوپ ۋاللېي (Antelop Valley) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي مائارىپ (general education) فاكۇلتېتىغا تولۇق كۈنلۈك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تاشپولات روزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇزۇنغا بارمايلا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىلىدۇ. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تاشپولات روزىنى «lead faculty» يەنى فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. لېكىن، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بولغان دەرس مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فاكۇلتېت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 2012-يىلىغا كەلگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى «dean of facult» يەنى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسىنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتىدۇ ( University Executive Leadership Council ). ئۇ يەنە فاكۇلتېت تەنتەربىيە ۋەكىلى(Faculty Athletics Representative)لىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ .
ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئادەتتە بىردىن پىرېزىدېنتى يەنى مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، dean of facult ياكى dean of college بولىدۇ. Dean of faculty نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا باشلامچى بولغاندىن سىرت يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا ئېلىش ياكى ئىشتىن قالدۇرۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا نۇتۇق سۆزلەش ھەم ھەرخىل يىغىنلارغا قانتىشىشتىن تارتىپ، مەكتەپنىڭ يىللىق مەبلەغ ئاجرىتىشىغا تەكلىپ سۇنۇشقىچە چوڭ-كىچىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا Dean نىڭ يەنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى - «Recommendation letter»ى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشپولات روزى ئامېرىكىدا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلاۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇپ قالدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپتۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق چوڭ شان - شەرەپلەرنى ھەرگىزمۇ دوكتور تاشپولات روزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇۋەپپەققىيەت ھەرگىزمۇ نەچچە كۈنلۈك ياكى نەچچە يىللىق مۇساپە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت بىر جەرياندىن ئىبارەتتۇر، كىشى ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قاچان يېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ يېتەلمەيدۇ. مۇھىمى شۇ جەرياندا بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر. قىيىنچىلىقلارنىڭ، تاغ-داۋانلارنىڭ ھامان ئاخىرلىشىپ، ئۆزى كۆزلىگەن، ئارزۇ قىلغان ئاشۇ مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان ئۈمىدلىك يۈرەكتۇر. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېگىلمەس روھنى يېتىلدۈرگەنلىكىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتىمۇ ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى بالىلىق ۋاقتىدا دادىسى روزى ئاكىنىڭ ئۇنى ۋە ھەدىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى كۈنلەردە ئايالى مۇنىرە خانىمنىڭ ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەشتىن سىرت، يەنە تاشپولات روزىغا مەنىۋىي جەھەتتىن توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشلىرى، ئۇنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.
تاشپولات روزى ئۆز ساھاسىدە تۈرلۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەيلى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن سىرت يەنە، قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا 13 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئىشلىرىنى ھەقسىز بېجىرىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە يېزىلغان خەتلەر ھەمدە سورالغان تۈرلۈك سوئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم، ئادىمىيلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم. مېنىڭ نەزەرىمدە، ھەقىقىي ئادەم بولماق ئالىم بولماقتىن نەچچە يۈز ھەسسە قىيىن. ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلغان بىر ئالىم خۇددى كىتاب ئارتىۋالغان ھايۋانغا ئوخشايدۇ، خالاس. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئىنسانىي ئېتىقادىدىن ئايرىلماي، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلىتى ئارقىلىق ياشلارغا ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كىشىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
ھازىر تاشپولات روزى مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ياسۇخىدا فۇكۇموتو بىلەن بىرلىكتە شارسىمان قاينام ھەرىكىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇلار بۇ نەتىجىنى پات ئارىدا داڭلىق ئامېرىكا ئاقار جىسىملار فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خوش، قەدىمدىن تارتىپ غەلىبە قازانغۇچىلاردا بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك - غايە، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق. دېمەك، ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى ھەقىقىي ئىنسانىي بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. شان - شەرەپكە ئىنتىلىش يامان ئىش ئەمەس، ھېچ كىممۇ بۇ دۇنيادىن ئىزسىز كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن شان - شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش بولماستىن، بەلكى ئەمگەك تەرىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ ھەقىقىي بەخت ھېسابلىنىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى مۇشۇنداق بىر يەكۈنگە ئۇندىدى. قەلەم كۈچۈمنىڭ ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئالىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى، تارتقان جاپالىرىنى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ياشلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تاشپولات روزىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەلسۆيەر ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياشلارغا تېخىمۇ جانلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا كاتتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
تاشپولات روزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئالى مەكتەپنىڭ تور ئادېرسى:
https://web.archive.org/web/20131010012035/http://www.uav.edu/index.aspx?recordid=225&page=95 {{|url=https://web.archive.org/web/20131010012035/http://www.uav.edu/index.aspx?recordid=225&page=95 |date=2013-10-10 }}
http://www.uav.edu/
تاشپولات روزى ئەپەندىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادېرسى: tashpulat@yahoo. com
==== ئەسەرلىرى ====
===== ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ =====
1999 -يىلى بېيجىڭدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. كەچلىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەچ تەتقىقات توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. تاشپولاتنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىن تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق يەر ئۈستىدىكى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش ئىكەن. ئۇ ماڭا شۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ كەسپتە ماتېماتىكا بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ماتېماتىكىنى ياخشى بىلسە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم، ئەسلىدە ماتېماتىكا كەسپىنى تۈگىتىپ ئاندىن بۇ كەسپنى قىلىدىغان گەپ ئىكەن.
ياپونىيىدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ئاغىنىلەر مەندىن ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى سوراپ تۇراتتى. ياپونىيىدە جۇغراپىيە كەسپىدىن دوكتورلۇق ئالغان مۇختەر چوڭ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش. ئۇ داىم كەسپىدە ماتېماتىكىنىڭ بەكمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى دەيتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلاتتى، بەزىدە ئۆزى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ كۆرۈۋاتقان ماقالىلەردىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورايتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇنىڭ ماتېماتىكا سە -ۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىلگەن ماتېماتىكا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قاناەتلەندۈرەلمەيتتى. كېيىن مۇختەر چوڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ماتېماتىكا ئۆگەندى.
دوكتور دولقۇن يۇنۇس ھازىر تۈركىيەدە ياپونىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى رادىو ئېلېكترون. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا تەتقىقاتىدا ئۇچراتقان ماتېماتىكىلىق مەسىلەرنى مەندىن سورايتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە سورىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىشىنى فاكس ئارقىلىقمۇ ئەۋەرتىپ بەرگەن.
دوكتور ئومەرجان ئابلا، ھازىر لوس ئانجىلىس «تويوتا» شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ياپوندىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئۇ ماڭە تېلېفون قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان تەمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەگرى سىزىق گرافىكىنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى، بىراق بۇ سىزىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا مېنىڭ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە ئۇ گرافىكنى ئىزدىدى. بىرىنچى كۈنى بۇ گرافىكنىڭ تەڭلىمىسىنى چىقىرالمىدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ توغرا بولغان بىر ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەگرى سىزىقنىڭ گرافىكىنى بۇ تېپىلغان تەڭلىمە ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.
پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. مەن ياپونىيىدە تۇرغان ۋاقتىمدا، ئوساكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا بىلىم ئاشۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ياپونغا كېلىپ 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىپتۇ. "شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ماقالە يازغان ئىدىم. بىراق، بۇ يەردە تا ھازىرغىچە بىر پارچە ماقالە چىقمايۋاتىدۇ" دېدى ئۇ. "بۇلار سانلىق مەلۇماتلارنى بەك تەكىتلەيدىكەن ھەم ئۇ ئارقىلىق بىر ماتېماتىكىلىق فۇنكسىيە مۇناسىۋەتلەرنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن" . "ئۆزۈڭ بىلىسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماتېماتىكا دېگەننى ئۇنتۇپ قاپتىمكەن، ھازىر ماتېماتىكىنى ئۆگىنىۋاتىمەن" دېگەنىدى ئۇ. كېيىن ئۇقسام ئابلىكىم قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ياپونىيىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىپتۇ.
Google شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىككى ئاغىنە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى بەك يۇقىرى بولغان. بىرى روسيەدىن كەلگەن يەھۇدىي ماتېماتىكنىڭ ئوغلى، يەنە بىرى ئامېرىكىلىق يەھۇدىينىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە بىر سۆزنى ئىزدىگەندە قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قىممەت جەھەتتىن يېقىن بولغان سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ دېگەن نەرسىنى ئويلىشىدۇ. ئۇلار ئاخىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق بۇ مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھازىر Google شىركىتى دېسە بىلمەيدىغانلار يوقمىكىن دەيمەن.
ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ رىمان گىومېتېرىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ستېفىن خاۋكىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پەرىزىنىمۇ ئېينىشتېيننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ بىر يېشىمى ئارقىلىق پەرەز قىلىدۇ. ئالەمنىڭ چېگرىسى چەكسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
ئامېرىكا بۇلتۇر 35 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇلتۇرقى لوس ئانجىلىس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى ئالگېبرادىن ئۆتەلمەيدىكەن. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا، ئامېرىكىنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ھىندىستان ھەم جۇڭگونىڭ ئارقىسىدا قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتىپىمدە ئىقتىسادىي ماتېماتىكىنىمۇ بېرىۋاتىمەن. بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز ئىقتىسادتىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئېنىقراق دېسەم، ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق ئىقتىسادىي نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى پاراڭلاردىن ماتېماتىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقنى ھەم ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ماتېماتىكا ھەرقانداق پەننىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچىدۇر. كېلەر ھەپتە ۋاقتىم چىققاندا ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەر ئارقىلىق “نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىمىز” دېگەن سوالغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ جاۋاب بېرىش ئويۇم بار. (دوكتور، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى)
مەن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر قېرىندىشىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مېنىڭ بالام ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلار ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بولدى. قولىدا ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيدىغان ئىشلار بۇ يەردە تۈگىدى». مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ماارىپى خەتەرلىك ئىكەن دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. كومپيۇتېر بىزگە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىشلەش، ئوقۇغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان بىلەن ئوخشاش. چۈنكى، سىز بىلمەكچى بولغان جاۋابلارنى سىز يەشمەستىن، كومپيۇتېر يەشكەن بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جانسىز بىر ئادەمدىن جاۋاب ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولىسىز.
ئارىلىقتىن 5 يىل ئۆتۈپ بۇلتۇر بولغان ئىش. مېنى بىر ئالىي مەكتەپ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا ئالگېبرا دەرسىنى ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ سىنىپتا 60 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار كالىفورنىيە شتاتى ئالىدىغان ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەيارلىق قىلغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار بۇ سىنىپقا كېلىشتىن بۇرۇن شىتات ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىكەن. بىراق، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يوق ئىكەن. دېمەك، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىم ئۆتەلمەپتۇ.
بۇ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆتىدۇ؟ مەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ماتېماتىكىغا سەل قاراپ، كومپيۇتېر بىلەن مەسىلە يەشكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدىن، ئۇلارنى ئۆز قولى، ئۆز كاللىسى بىلەن مەسىلە يېشەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. سېسترا بولغان ئادەم يانپاشقا ئوكۇل ئۇرۇش نىلا بىلىش بولماستىن، دورىلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، دورا ئۆلچەملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشىنى، دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئۇششاق بۆلەكلەرگە بۆلۈش قاتارلىقلارنى بىلىش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن سېسترا كەسىر سانلار، ئارىلاش كەسىرلەر، پىرسەنت ھېسابلاش، تەڭلىمە تۈزۈش ۋە ئۇنى ھېسابلاش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ چۈشەنچىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق.
ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ مەكتەپلەردە تېخنىكىلىق يول ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئارقىلىق ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىكروسوفتنىڭ باشلىقى بىلل گەيتىسنىڭ ۋىندوۋس ۋىستانى بازارغا سېلىش ۋاقتىدا «تىمېس» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىغا قارىساق كۇپايە قىلىدۇ.
1. سۇئال: ۋىستا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىنى چەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. سىز بىر ئاتا سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن ئوغلۇمنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقتىنى چەكلەيمەن. ئۇ بۇنىڭدىن بەك نارازى بولدى، ئۇ مەندىن: “دادا، پۈتۈن ھاياتىم مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇنداق بولماس، چوڭ بولغاندا بەلكىم ئۆزى بىر كومپيۇتېر سېتىپ ئالار.
2. سۇئال: سىز ئۇزۇندىن بېرى ماارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولدىمۇ؟
جاۋاب: تېخنىكىلىق ۋاسىتە مەلۇم رول ئوينايدۇ. بىراق، رول ئانچە چوڭ ئەمەس. مېنىڭ بۇرۇنقى يازمام بىلەن يۇقىرىدىكى يازمامدىن نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە يەنە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ توختىلىپ باقاي.
ماتېماتىكا ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ساپ ماتېماتىكا ۋە قوللىنىش (تەدبىقىي) ماتېماتىكىسى. ماتېماتىكا يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن سانلارنىڭ بىرىكمىسى. ماتېماتىكا نوقۇل ھالدا مەسىللەرنى يېشىشلا بولماستىن، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنىڭدا يالغانچىلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭدا گەپ يورغىلىتىپ سەپسەتە سېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ(شۇڭىمۇ يۈسۈپخاس ھاجىپ بوۋىمىز دەۋرىدە ماتېماتىكىغا ساقىش يەنى ساق+ئىش دەپ نام بېرىشنى بىلگەن ئىكەن - قۇتلان ئىزاھى). سىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارسىڭىز ماتېماتىكا ئوخشاش. ئۇلار ئارىسىدا دۆلەت چېگرىسى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك.
ماتېماتىكا كىشىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكىدا مۇتلەق قىممەت دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، خالىغان بىر ساننىڭ مۇتلەق قىممىتى نۆلدىن چوڭ بولۇشى ياكى نۆلگە تەڭ بولۇشى ياكى نۆلدىن تۆۋەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردە بىز بىر مەسىلىنىڭ 3 خىل ئەھۋالىنى كۆردۇق دېگەن گەپ. بۇ جەمئىيىتىمىزدە بىر مەسىلە مەۋجۇد بولسا ئۇنى بىر تاياق بىلەن ئۇرماسلىق ئۈچۈنمۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەرخىل يوللارنىڭ بارلىقىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ماتېماتىكا مەسىللەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىدۇ. ساپ ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا قوللىنىش ماتېماتېكىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ماتېماتىكىدا مەسىلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى لوگىكىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىسپاتلاش مەشقلىرى، سىزنىڭ توغرا نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتقۇزىدۇ. بىز باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ساپ ماتېماتىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ماتېماتىكىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتچاللىقىنى تەكىتلەپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس. بەزى نەرسىلەرنى شەكىل جەھەتتىن، يېشىم جەھەتتىن، ماتېماتىكىنىڭ بىلىملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆگىنىمىز. ماتېماتىكىدا بىر نامەلۇملۇق 2 دەرىجىلىك تەڭلىمە بولۇپ، مەسىلەنh=120t+16t2 بۇ يەردە ئەگەر h=180 بولسا، t نى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى 180=120t+16t2 دىن ئىبارەت 2 دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يەشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ تەڭلىمىنى قانداق يېشىشنى مەشق قىلىدۇ. بۇ جەريان دەل ساپ ماتېماتىكىدۇر.
بىز بۇ تەڭلىك نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ كىچىك بىر راكېتا 120km/sktتېزلىكتە، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدىكى “ھ” بولسا بۇ راكېتانىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. h=180 دېگىنىمىز راكېتا 180kmئېگىزلىكتە بولغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى بىز بۇ راكېتا 180km ئېگىزلىكتە بولغاندا، قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ دېسەك، چوقۇم 180=120t+16t2 تەڭلىمىنى t غا نىسبەتەن يەشسەكلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ يەردە “t” ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ساپ ماتېماتىكا بولماي، تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. مەن ياپوندا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بۇ ئىقتىسادشۇناس ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساپ ماتېماتىكىچىسى، فۇنكسىيە نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان، تۇراقلىق نۇقتا دېگەن تېورېمىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىقان. بۇ تېورېما بۇ نەزەرىيىنى ئىسپاتلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. شۇ چاغدا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ياپونلۇق پروفېسسورنى تەكلىپ قىلىپ، 1 ساەتلىك ئالاھىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پروفېسسور ئۆزىنىڭ تېورېمىسىنىڭ ئىقتىسادقا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق، ماتېماتىكىلىق جەھەتتە بۇ تېورېمىنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم ساپ ماتېماتىكىدەك بىر كۈچلۈك قوشۇن بولماي تۇرۇپ، باشقا پەنلەرنى ياخشى ئىگىلەش مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزنى قولغا ئېلىپ مەسىلە يېشەلەيدىغان ھەم مەسىلە تۈزەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەن دۈرۈش كېرەك.
مېنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر دەيدىغان نەرسەم، ئەدەبىياتنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن. مەن 4-، 5-، 9-، 10- سىنىپلاردا ئەدەبىيات دەرسىنى ئوقۇيالمىغان. مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى ئاجىزلىق داۋاملىق مېنىڭ بىرنىمە يېزىشىمدا ئاۋارە قىلىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن ماتېماتىكىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ياخشى ئۆگەنسەك مۇكەممەل ئادەم بولامدۇقكىن دەپ قارايمەن.
ھۆرمەت بىلەن: تاشپولات روزى («بىلىۋال» توربېتىدىن)
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : https://web.archive.org/web/20160305092221/http://matimatik.blogbus.com/logs/38929858.html {{|url=https://web.archive.org/web/20160305092221/http://matimatik.blogbus.com/logs/38929858.html |date=2016-03-05 }}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
[[تۈر:ئۇيغۇرلار]]
[[تۈر:ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى]]
7s6n0kxmrj0kmnmaql7c4p603gba8zu
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
0
15087
172851
161666
2025-06-16T02:39:57Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172851
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[ئابدۇرېھىم تۇرسۇن]]<p>
[[Abduréhim Tursun]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1973-يىلى|تۇغۇلغان-ئورنى=[[ئۇچتۇرپان]]|مىللىتى=ئۇيغۇر|مائارىپ-سەۋىيىسى=دوكتور|كەسپى=پەلسەپە|ئاتا-ئانىسى=دادىسى [[تۇرسۇن بارات]]<p>ئانىسى [[نۇرنىسا ئابدۇرېھىم]]}}
'''ئابدۇرېھىم تۇرسۇن''' (Abduréhim Tursun، تو. 1973 ئۇچتۇرپان — ۋ. 2013-07-07 قەشقەر پەيزىۋات) [[پەلسەپە]] پەنلىرى بويىچە تۇنجى [[ئۇيغۇر مىللىتى|ئۇيغۇر]] دوكتورى (Ph.D)، [[تارىخ|تارىخ پەنلەر]] دوكتورى [[نەبىجان تۇرسۇن|نەبىجان تۇرسۇننىڭ]] ئۆز ئىنىسىدۇر. دادىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن بارات، ئانىسىنىڭ ئىسمى نۇرنىسا ئابدۇرېھىم.
== ئۆمۈر بايانى ==
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى ساقلاش يولىدىكى باتۇرلۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولمىش «يەتتە قىزلىرىم»نى، [[رەھمەتۇللابەگ|رەھمەتۇللابەك]] ۋە ئەسمەتۇللابەك، [[سىيىت نوچى ۋە ئۆلۈم|سېيىت نوچىدەك]] مەرت ئوغلانلارنى، موللا شاكىر، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، سېيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى قاتارلىق مىللەتپەرۋەر زىيالىي - ئوغلانلارنى پاك ھاۋاسى ۋە زەمزەم كەبى سۇلىرى بىلەن سۇغارغان قەدىمىي ھەم قەھرىمان يۇرت ئۇچتۇرپان شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان.
ئۇ ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تېخنىكوم ۋە ئالي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. ئابدۇرېھىمنىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش ھاياتى ئاساسلىقى ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن دەسلەپتە ئىككى يىللىق خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە چەتئەل تىللىرىدىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئىنگلىز تىلىدا بىر قانچە دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈگىتىپ، ئوتتۇرا سەۋىيىگە يەتكەن ھەم بۇ جەرياندا رۇس تىلى ئۆگىنىشنىمۇ باشلىغان ئىدى.
بۇ جەرياندا ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغىمۇ قىزىقىپ، بەزى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتكە بېرىلگەن ئۈمىدۋار ياش ئىدى.
1997 - يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي يۇقىرى ئاكادېمىيىلىك مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.
ئۇ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىش بىلەن تەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى رۇس تىلى سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دەرسلەرنى رۇس تىلىدا ئاڭلاش، رۇس تىلىدا ئىلمىي پىكىر بايان قىلىش ھەم يېزىش سەۋىيىسىگە يەتكەن.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، «قىرغىز ئىلى ئىلىم - پەن ئەربابى»، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى [[ئەزىز نارىنبايېف|ئەزىز نارىنبايېفنىڭ]] يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ھەم ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئۆگەندى ھەمدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2002 - يىلى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيسى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قەشقەر پەيزىۋاتتا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغىلى تېخى 45 كۈن بولغانىكەن.
== ئەسەرلىرى ==
==== ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم رۇسچە ئېلان قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى ====
===== كىتابلار: =====
# دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى . بىشكەك. ئىلىم نەشىرىياتى. 2002-يىلى. (رۇسچە)
# ئۇيغۇر پوئېزىيىسى . بىشكەك، قىرغىزىستان نەشرىياتى، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
# دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيە، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
# دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسى، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
===== رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى =====
# دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرى . «زامانىۋىلىق ۋە پەلسەپە ۋە قانۇن مەسىلىلىرى . قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى» .1998-يىلى، بىشكەك ، ( قىرغىزچە)
# بۇددىزم پەلسەپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى . « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك. 1999-يىلى، ( رۇسچە)
# ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك، 2000-يىلى، ( رۇسچە)
# ئۇيغۇر بۇددىزم مۇتەپپۇككۇرلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» .بىشكەك، 2000-يىلى( رۇسچە).
# ئۇيغۇر مۇتەپككۇرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك پرىنسىپلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
# تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېتىكىلىق كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش. « قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى» ، بىشكەك ، 2003-يىلى ( رۇسچە)
# ئۇيغۇر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كوز قاراشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر . «ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» ، 2001-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
# چۇيسا تۇتۇڭ ۋە كالىما كايشىنىڭ ئېتىكىلىق كۆز قاراشلىرى . « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى توپلىمى» . 2002-يىلى، بىشكەك.( رۇسچە).
# تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكىلىق قاراشلىرى. « قىرغىزىستان -تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، 2001-يىلى، 2-سان، بىشكەك ( رۇسچە).
# ئۇيغۇر بۇددىست مۇتەپپەككۇرى پرىتىئا ياشرىنىڭ ئەخلاق قاراشلىرى . « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىدىكى بۇددىزم ۋە خىرستىيانىزم» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى، بىشكەك 2002-يىلى.( رۇسچە).
# ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر ھەققىدە. مۇھاكىمە يىغىن دوكلاتى (رۇسچە)
==== نەشر قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرى ====
# قەدىمكى يۇرت ئۇچتۇرپان. ئىجتىمائىي -مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىيات مۇساپىلىرى
# ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى ) رۇسچە كىتابى ئاساسىدا (
# 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلەر توقۇنۇشى
# ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە «تۇرپانشۇناسلىق»، «مۇنبەر»، «شىنجاڭ تارىخ - مەدەنىيىتى» ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدى.
== ئۇلىنىش ==
* [[نەبىجان تۇرسۇن]]
* [https://www.akademiye.org/ug/?p=3260 مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن]
== مەنبە ==
نەبىجان تۇرسۇننىڭ '''''مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن''''' ناملىق يازمىسىدىن ئېلىندى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
r14uwbhclw39qlm8qqolck48dx8ft6g
ئەنۋەر ھامۇد
0
15094
172855
161663
2025-06-16T03:22:31Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172855
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=[[ئەنۋەر ھامۇد]]|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1952-يىلى 6-ئاي|تۇغۇلغان-ئورنى=[[ئۈرۈمچى]]|مىللىتى=ئۇيغۇر|كەسپى=فىزىكا|مائارىپ-سەۋىيىسى=دوكتور}}
پروفېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ھامۇت 1952-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى 9-ئايدىن 1969-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1969-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان.
ئەنۋەر ھامۇت 1971-يىلىنىڭ كەýئىنكى يېرىمىدا خىزمەتلكە قاتناشقان بولۇپ، توقسۇن ناھىيە ئاۋانئارت (ھازىرقى غولبويى) يېزىسىنىڭ تەرجىمانى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاخبارات تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سانائەت ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
دوكتور ئەنۋەر ھامۇت 1977-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1992-يىلى 9-ئايدا ۋە 2004-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا سېنتېنارى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئەنۋەر ھامۇت ئالىي مەكتەپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا دەرس ئۆتۈپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ھارماي شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 20-ئەسرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بويىچە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، دۆلەت، ئۆلكە مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا، يەنە بىر تۈردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «نېفىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى»، «رەھبەرلىك ئىلمىدىن قىسقىچە بايان» ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ زور تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداقلا ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا «نېفىت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىيغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «ئۇئارنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «غەربىي رايونلارنى ئېچىش ۋە ئۇئارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇئارنىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىش جەريانىدىكى ئەۋزەللىكلىرى ۋە چەكلەش ئامىللىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 22 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ كەسپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىر جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دۆلەتلىك سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي دوكتورى، قازاقىستان شەرق سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو خەلقئارالىق مائارىپ ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئۇئار خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، 2002-يىللىق خەلقئارالىق تىنچ ئوكيان مۇھىتىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرق ئېتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى&ھەللىپ؛ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىمەكتە
== مەنبە: ==
https://web.archive.org/web/20150419083952/http://hawar.cn/news/2012/09/03/509.shtml {{|url=https://web.archive.org/web/20150419083952/http://hawar.cn/news/2012/09/03/509.shtml |date=2015-04-19 }}
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
nokjbehkc9xrro7mztf0ytmpnkx4n5m
ئەيلىن باۋيېرا
0
21136
172856
161664
2025-06-16T03:29:07Z
Bapkar
1429
شەخسىي ئۇچۇر قۇتىسى قوشۇلدى
172856
wikitext
text/x-wiki
{{كىشى رامكىسى|ئىسىم-فامىلىسى=ئەيلىن سان پابلو-باۋيېرا|تۇغۇلغان-ۋاقتى=1959-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى|ۋاپات-بولغان-ۋاقتى=2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى|ۋاپات-بولغان-ئورنى=[[فىلىپپىن]] [[مانىلا]] سان لازارو دوختۇرخانىسى|ھەمرايى=Jorge Villegas Baviera|تۇغۇلغان-ئورنى=[[فىلىپپىن]]}}
[[Category:Articles with hCards]]
'''ئەيلىن سان پابلو-باۋيېرا''' (1959-يىلى 26-ئاۋغۇستتىن 2020-يىلى 21-مارت) فىلىپپىنلىق سىياسىيشۇناس ۋە سىنولوگ . ئۇ ئۆز دۆلىتىدىكى [[جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى|جۇڭگودىكى]] ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. <ref name="rapp2020">Rappler: [https://www.rappler.com/nation/255339-university-of-the-philippines-professor-aileen-baviera-dies-coronavirus ''U.P. professor, China expert Aileen Baviera dies of coronavirus'', 21 March 2020], abgerufen am 21. März 2020.</ref><ref name="Rappler2020-2">Rappler: [https://www.rappler.com/nation/255384-china-expert-aileen-baviera-obituary ''Aileen Baviera, 60: Her eyes were on China, her heart stayed with PH'', 21. März 2020], abgerufen am 21. März 2020.</ref>
== كەسپى ==
1979-يىلى 10-ئايدا ، ''باۋيېرا'' فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تاشقى ئىشلار كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. [[بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى|بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ]] ھازىرقى زامان جۇڭگو تارىخىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ 1981-يىلدىن 1983-يىلغىچە تۇنجى قېتىم جۇڭگودا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئۇ خەنزۇ تىلىنى ئۆگەندى ، بېيجىڭ تىل ئىنستىتۇتىنىڭ دىپلومىغا ئېرىشتى ۋە دۆلەتنىڭ شىمالى ۋە غەربىگە باردى. 1987-يىلى ، باۋيېرا جۇڭگو ۋە شەرقىي ئاسىيادا مەخسۇس ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. سىياسىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى 2003-يىلى كەلگەن<ref name="UP">University of the Philippines: [http://up-diliman.academia.edu/AileenBaviera/CurriculumVitae ''Aileen Baviera''], abgerufen am 21. März 2020.</ref> ئۇ جۇڭگودا تۇرۇشتىن بۇرۇن ، ئۇ بىر سولچىل ئىدى ، ئەمما ئۇ يەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇ «مەن ئۇنى كۆرگەندە سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ تېيىزلىقىنى ، [[ماۋزېدوڭ|ماۋنىڭ]] ماركوسقا ئوخشاش تونۇشىنى ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشنى ئۆگەندى».
1980-يىلدىن 1986-يىلغىچە ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تاشقى مۇلازىمەت ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى ۋە مەشقاۋۇل بولغان. 1990-يىلغىچە ، ئۇ فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ، ئاندىن 1993-يىلغىچە فىلىپپىن-جۇڭگو تەرەققىيات بايلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقات ماسلاشتۇرغۇچىسى بولغان. 1993-يىلى 6-ئايدىن 1998-يىلى 5-ئايغىچە ، باۋيېرا تاشقى مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە 1996-يىلدىن 1997-يىلغىچە مانىلا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا پاراللېل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.<ref name="UP">University of the Philippines: [http://up-diliman.academia.edu/AileenBaviera/CurriculumVitae ''Aileen Baviera''], abgerufen am 21. März 2020.</ref>
1998-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە ، باۋيېرا فىلىپپىن-جۇڭگو تەرەققىيات بايلىق مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتى ئاسىيا مەركىزىنىڭ دوتسېنتى بولغان . 2003-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 10-ئايغىچە ، ئۇ يەنە ئاسىيا مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2005-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ، ئۇ تولۇق پروفېسسور بولغان ، 2010-يىلى 7<ref name="UP">University of the Philippines: [http://up-diliman.academia.edu/AileenBaviera/CurriculumVitae ''Aileen Baviera''], abgerufen am 21. März 2020.</ref> ئايدىن باشلاپ [[ۋاشىنگتون|ۋاشىنگتوندىكى]] ئاسىيا سىياسەت ۋە سىياسەت تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا تەھرىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ئىلگىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان يولىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان<ref name="rapp2020">Rappler: [https://www.rappler.com/nation/255339-university-of-the-philippines-professor-aileen-baviera-dies-coronavirus ''U.P. professor, China expert Aileen Baviera dies of coronavirus'', 21 March 2020], abgerufen am 21. März 2020.</ref>
== ئۆلۈم ==
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە ، باۋيېرا مانىلانىڭ سان لازارو دوختۇرخانىسىدا [[يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى(كوۋىد-19 كېسىلى)|COVID-19]] كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلدى.<ref name="rapp2020">Rappler: [https://www.rappler.com/nation/255339-university-of-the-philippines-professor-aileen-baviera-dies-coronavirus ''U.P. professor, China expert Aileen Baviera dies of coronavirus'', 21 March 2020], abgerufen am 21. März 2020.</ref> ئۇ 12-مارت فرانسىيەنىڭ [[پارىژ|پارىژدا]] ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان.<ref name="Rappler2020-2">Rappler: [https://www.rappler.com/nation/255384-china-expert-aileen-baviera-obituary ''Aileen Baviera, 60: Her eyes were on China, her heart stayed with PH'', 21. März 2020], abgerufen am 21. März 2020.</ref> ئۇ فىلىپپىنلىق ئىككى ۋەكىلنىڭ بىرى ، يەنە بىرى Alan T. Ortiz بولۇپ ، ئۇ يىغىندا بۇ كېسەلگە يولۇققان ، كېيىن ئۇنىڭغا يولۇققان.
ئۇ Jorge Villegas Baviera نىڭ تۇل ئايالى ، ئۇ 2018-يىلى ۋاپات بولغان، ۋە ئۈچ بالىسى بار.
== نەشر بۇيۇملىرى (تاللاش) ==
* 1994-يىلدىكى ''مېترو مانىلادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي پوزىتسىيىسى ۋە ھەرىكىتى'' .
* ''شەرقىي ئاسىيادىكى رايون بىخەتەرلىكى: ھەمكارلىق ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشىغا خىرىس'' ، 2008.
== پايدىلانما ==
{{Reflist}}
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:كىشلەر]]
[[تۈر:پروفېسسورلار]]
bskglj3ctu2mtoq5ogeddedmtt2g17f
مونېرو (شىفىرلىق پۇل)
0
23354
172846
172684
2025-06-15T19:00:37Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
172846
wikitext
text/x-wiki
{| border="1" align="left" cellpadding="4" cellspacing="0" width="350" style="margin: 0 0 1em 1em; background: ; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 100%;"
| colspan="2" align="center" bgcolor="" style="border-bottom:3px" |'''<font size="+1">مونېرو'''
|-
| colspan="2" |[[ھۆججەت:Monero-Logo.svg|مونېرو لوگوسى (ماركىسى)|center|frameless|350x350px]]
|-
! colspan="2" |ھەققىدە
|-
!نامى
|ئۇيغۇرچە: مونېرو
ئېنگىلىزچە: Monero
|-
!سىمۋولى
|<ref>https://unicode-explorer.com/c/0271</ref>ɱ
|-
!قىسقارتىلما نامى
|<ref>https://coinmarketcap.com/currencies/monero/</ref>XMR
|-
!بالا بىرلىكى
|
|-
! <sup>1</sup>⁄<sub>1000</sub>
|مىلى بىت تەڭگىسى
|-
! <sup>1</sup>⁄<sub>100000000</sub>
|ساتوشى
|-
! colspan="2" |تەرەققىيات
|-
!ئاپتورى
|نىكولاس ۋان سابېرھاجېن
|-
!ئىلمى ماقالىسى
|[https://web.archive.org/web/20140620201031/https://bytecoin.org/old/whitepaper.pdf "CryptoNote v 2.0"]
|-
!قوللۇنىشى
|مونېرو كورە
|-
!تۇنجى تارقىتىلىش
|2014-يىلى 18-ئاپرېل (بىرىنچى نەشىرى)<ref>https://www.getmonero.org/resources/about/</ref>
|-
!يېقىنقى تارقىتىلىشى
|2024-يىلى 22-ئاۋغۇست<ref>https://www.getmonero.org/blog/tags/releases.html</ref>
|-
!ئورگان تور مەنزىل
|[https://getmonero.org getmonero.org]
|-
! colspan="2" |خاتىرە زەنجىرى
|-
!زەنجىرنىڭ ئۇچى
|2014-يىلى ئاپرېل
|-
!تەھقىقلەش ئۇسۇلى
|ئىش ئىسپاتى (خەش فۇنكىسيەنى يېشىپ توغرا جاۋاپ تېپىش)
|-
!خەش فۇنكىسيەسى
|RandomX
|-
!تارقاتقۇچى
|تارقاق (بۈلەكچە مۇكاپاتى)
|-
!بۈلەكچە مۇكاپات سوممىسى
|XMR 0.6
|-
!ئوتتۇرچە بۈلەكچە تەھقىقلەش ۋاقتى
|2 مىنۇت
|-
!بۈلكەچە كۆرگۈ مەنزىلى
|[https://exploremonero.com exploremonero.com]
|-
!ئايلانما پۇل سانى
|XMR 18,450,000 (2024-يىلى 3 دېكابىر، داۋاملىق ئۆزگىرىدۇ)<ref>https://coinmarketcap.com/currencies/monero/</ref>
|-
!مۇمىكىن بولغان تەمىنات مىقدارى (ئەڭ جىق بولغاندا)
|ياق
|}
<br />
'''مونېرو''' بىر خىل [[شىفىرلىق پۇل]] بولۇپ، 2014-يىلى قۇرۇلغان. بۇ ئېلىكتروپۇلنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مەخپىيەتلىك ۋە ھوسۇسىيەتنىڭ يۇقىرى بولۇشلىقىغا ئاساسلىنىدۇ. مونېرو بلوك چېين تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كىرىم-چىقىم مەلۇماتلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇش بىلەن بىرگە، قوللانغۇچىلارنىڭ ھوسۇسىيەت ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. بۇ شىفىرلىق پۇل دۇنيا بويىچە مەخپىيەتلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغانلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ.<ref>https://www.investopedia.com/terms/m/monero.asp</ref><ref>https://www.forbes.com/sites/boazsobrado/2025/01/18/is-monero-keeping-bitcoins-cypherpunk-dream-alive/</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[تۈر:شىفىرلىق پۇللار]]
14xnid0t5xsyxtub3gio1qiwjy15qtz
بلوېسكاې
0
23725
172842
2025-06-15T18:39:31Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
قۇرۇلغان بەت ''''بلوېسكاې''' ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Bluesky) — ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، ٢٠٢١-يىلى [[تىۋىتتېر]] نىڭ قۇرغۇچىسى جەك دورسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ تور «AT Protocol» ناملىق ئېچىق مەنبەلىك پلاتفورمىغا تايانىدۇ، بۇ سىستېما ئارقىلىق پايدىلەنغۇچ...'
172842
wikitext
text/x-wiki
'''بلوېسكاې''' ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Bluesky) — ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، ٢٠٢١-يىلى [[تىۋىتتېر]] نىڭ قۇرغۇچىسى جەك دورسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ تور «AT Protocol» ناملىق ئېچىق مەنبەلىك پلاتفورمىغا تايانىدۇ، بۇ سىستېما ئارقىلىق پايدىلەنغۇچىلار ھەرقايسى قوللىغۇچلاردىن ئۇلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا يول قويىدۇ.<ref>https://www.theverge.com/2023/4/27/23701551/bluesky-skeets-now</ref>
بلوېسكاې ٢٠٢٣-يىلى پۈتۈن ئاممىغا ئېچىشتىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تارقالدى. [[ئەلون ماسك]] تىۋىتتېر نى سېتىۋېلىپ باشقۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىشلىتىدىغانلار تىۋىتتېردىكى ئۆزگىرىشلەرگە نارازى بولۇپ، بلوېسكاې غا كۆچتى. بۇنىڭ بىلەن بلوېسكاې نىڭ داڭقى ۋە پايدىلنىش سانی تېز كۆتۈرۈلدى.<ref>https://www.forbes.com/sites/antoniopequenoiv/2025/03/25/elon-musks-x-sees-popularity-slide-after-election---while-threads-bluesky-makes-gains/</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
8qn9tq5gi2cgueiux0onfb3ez7fhrav
172843
172842
2025-06-15T18:42:47Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
172843
wikitext
text/x-wiki
'''بلوېسكاې''' ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Bluesky) — ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، ٢٠٢١-يىلى [[تىۋىتتېر]] نىڭ قۇرغۇچىسى جەك دورسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ تور «[[:en:AT_Protocol|AT Protocol]]» ناملىق ئېچىق مەنبەلىك پلاتفورمىغا تايانىدۇ، بۇ سىستېما ئارقىلىق پايدىلەنغۇچىلار ھەرقايسى قوللىغۇچلاردىن ئۇلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا يول قويىدۇ.<ref>https://www.theverge.com/2023/4/27/23701551/bluesky-skeets-now</ref>
بلوېسكاې ٢٠٢٣-يىلى پۈتۈن ئاممىغا ئېچىشتىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تارقالدى. [[ئەلون ماسك]] تىۋىتتېر نى سېتىۋېلىپ باشقۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىشلىتىدىغانلار تىۋىتتېردىكى ئۆزگىرىشلەرگە نارازى بولۇپ، بلوېسكاې غا كۆچتى. بۇنىڭ بىلەن بلوېسكاې نىڭ داڭقى ۋە پايدىلنىش سانی تېز كۆتۈرۈلدى.<ref>https://www.forbes.com/sites/antoniopequenoiv/2025/03/25/elon-musks-x-sees-popularity-slide-after-election---while-threads-bluesky-makes-gains/</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
0wcwxb4ktkkoxq2f425gbkid2xx2gzp
172844
172843
2025-06-15T18:51:14Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
172844
wikitext
text/x-wiki
{| border="1" align="left" cellpadding="4" cellspacing="0" width="350" style="margin: 0 0 1em 1em; background: ; border: 1px #aaa solid; border-collapse: collapse; font-size: 100%;"
| colspan="2" align="center" bgcolor="" style="border-bottom:3px" |'''<font size="+1">بلوېسكاې'''
|-
| colspan="2" |[[ھۆججەت:Bluesky_Logo.svg|مونېرو لوگوسى (ماركىسى)|center|frameless|350x350px]]
|-
! colspan="2" |ھەققىدە
|-
!نامى
|ئۇيغۇرچە: بلوېسكاې
ئېنگىلىزچە: Bluesky
|-
!وېب پاڼه
|https://bsky.social
|}
<br />'''بلوېسكاې''' ([[ئىنگلىز تىلى|ئېنگلىزچە]]: Bluesky) — ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، ٢٠٢١-يىلى [[تىۋىتتېر]] نىڭ قۇرغۇچىسى جەك دورسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ تور «[[:en:AT_Protocol|AT Protocol]]» ناملىق ئېچىق مەنبەلىك پلاتفورمىغا تايانىدۇ، بۇ سىستېما ئارقىلىق پايدىلەنغۇچىلار ھەرقايسى قوللىغۇچلاردىن ئۇلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا يول قويىدۇ.<ref>https://www.theverge.com/2023/4/27/23701551/bluesky-skeets-now</ref>
بلوېسكاې ٢٠٢٣-يىلى پۈتۈن ئاممىغا ئېچىشتىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تارقالدى. [[ئەلون ماسك]] تىۋىتتېر نى سېتىۋېلىپ باشقۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىشلىتىدىغانلار تىۋىتتېردىكى ئۆزگىرىشلەرگە نارازى بولۇپ، بلوېسكاې غا كۆچتى. بۇنىڭ بىلەن بلوېسكاې نىڭ داڭقى ۋە پايدىلنىش سانی تېز كۆتۈرۈلدى.<ref>https://www.forbes.com/sites/antoniopequenoiv/2025/03/25/elon-musks-x-sees-popularity-slide-after-election---while-threads-bluesky-makes-gains/</ref>
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
ict3tamw1d5n0e1qezxgj1kqfj4h5om
172845
172844
2025-06-15T18:57:49Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
قايتا نىشانلانغان بەت [[كۆك ئاسمان (Bluesky)]]
172845
wikitext
text/x-wiki
#REDIRECT [[كۆك ئاسمان (Bluesky)]]
7t1penq5kuxwbf4du16pyx1ae3dr3vr
لىيونېل مېسسى
0
23726
172847
2025-06-15T19:18:40Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
قۇرۇلغان بەت '[[ھۆججەت:Lionel-Messi-Argentina-2022-FIFA-World-Cup (cropped).jpg|thumb|231x231px]] '''لىيونېل مېسسى''' — [[ئارگېنتىنا|ئارجېنتىنانىڭ]] داڭلىق [[پۇتبول|پۇتبولچىسى]]. ئۇ ١٩٨٧-يىلى ٢٤-ئىيۇن كۈنى روزارىيو شەھرىدە تۇغۇلغان. مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئۇز...'
172847
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:Lionel-Messi-Argentina-2022-FIFA-World-Cup (cropped).jpg|thumb|231x231px]]
'''لىيونېل مېسسى''' — [[ئارگېنتىنا|ئارجېنتىنانىڭ]] داڭلىق [[پۇتبول|پۇتبولچىسى]]. ئۇ ١٩٨٧-يىلى ٢٤-ئىيۇن كۈنى روزارىيو شەھرىدە تۇغۇلغان. مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ بىرى.
ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئۇزاق يىل ئوينىغان ۋە كۆپ قېتىم چەمپىيون بولغان. كېيىن پارىژ سان جېرمانغا ئۆتتى، ٢٠٢٣-يىلى ئامېرىكىدىكى Inter Miami كوماندىسىغا كەلدى.
٢٠٢٢-يىلى دۇنيا كۇبىكىدە مېسسى ئارجېنتىنا كوماندىسى بىلەن چەمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[Category:پۇتبول تەنھەركىتى]]
[[Category:پۇتبول]]
2rxajcyjpob6s1bkf6cfyr19ggx6hws
172848
172847
2025-06-15T19:21:11Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
172848
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:Lionel-Messi-Argentina-2022-FIFA-World-Cup (cropped).jpg|thumb|231x231px]]
'''لىيونېل مېسسى''' — [[ئارگېنتىنا|ئارجېنتىنانىڭ]] داڭلىق [[پۇتبول|پۇتبولچىسى]]. ئۇ ١٩٨٧-يىلى ٢٤-ئىيۇن كۈنى روزارىيو شەھرىدە تۇغۇلغان. مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ بىرى.<ref>https://www.marca.com/en/football/2025/05/19/682af86122601dea4f8b4573.html</ref>
ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئۇزاق يىل ئوينىغان ۋە كۆپ قېتىم چەمپىيون بولغان. كېيىن پارىژ سان جېرمانغا ئۆتتى، ٢٠٢٣-يىلى ئامېرىكىدىكى Inter Miami كوماندىسىغا كەلدى.
٢٠٢٢-يىلى دۇنيا كۇبىكىدە مېسسى ئارجېنتىنا كوماندىسى بىلەن چەمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
[[Category:پۇتبول]]
axpqwu2n95uxny9jt9w1doszxv3py6n
172849
172848
2025-06-15T19:22:55Z
Eltuniyaz Qutluq
24129
172849
wikitext
text/x-wiki
[[ھۆججەت:Lionel-Messi-Argentina-2022-FIFA-World-Cup (cropped).jpg|thumb|231x231px]]
'''لىيونېل مېسسى''' — [[ئارگېنتىنا|ئارجېنتىنانىڭ]] داڭلىق [[پۇتبول|پۇتبولچىسى]]. ئۇ ١٩٨٧-يىلى ٢٤-ئىيۇن كۈنى روزارىيو شەھرىدە تۇغۇلغان. مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ بىرى.<ref>https://www.marca.com/en/football/2025/05/19/682af86122601dea4f8b4573.html</ref>
ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئۇزاق يىل ئوينىغان ۋە كۆپ قېتىم چەمپىيون بولغان. كېيىن پارىژ سان جېرمانغا ئۆتتى، ٢٠٢٣-يىلى ئامېرىكىدىكى Inter Miami كوماندىسىغا كەلدى.
٢٠٢٢-يىلى دۇنيا كۇبىكىدە مېسسى ئارجېنتىنا كوماندىسى بىلەن چەمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
== مەنبەلەر ==
{{Reflist}}
{{stub}}
{{DEFAULTSORT:مېسسى ,لىيونېل}}
[[Category:پۇتبول]]
a3qqiz820lvit1khuww5n2zu6pkqpet
شىكالا س ئە (سۈنئىي ئەقىل)
0
23727
172850
2025-06-16T01:43:11Z
F47fighter
23863
قۇرۇلغان بەت ''''شىكالا س ئە (Scale AI)''' بىر [[سۈنئىي ئەقىل|سۈنئىي ئەقل]]ىي ئىقتىدار شىركىتى بولۇپ، باش شىتابى [[كالىفورنىيە شىتاتى|كالىفورنىيە]] شىتاتىنىڭ [[سان فرانسىسكو]]غا جايلاشقان. ئۇ [[سۈنئىي ئىدىراك مۇناسىۋەتلىك تىزىملىكى|سۈنئىي ئەقلىي]] ئىقتىدارلىق پروگراممىلارنى مەشى...'
172850
wikitext
text/x-wiki
'''شىكالا س ئە (Scale AI)''' بىر [[سۈنئىي ئەقىل|سۈنئىي ئەقل]]ىي ئىقتىدار شىركىتى بولۇپ، باش شىتابى [[كالىفورنىيە شىتاتى|كالىفورنىيە]] شىتاتىنىڭ [[سان فرانسىسكو]]غا جايلاشقان. ئۇ [[سۈنئىي ئىدىراك مۇناسىۋەتلىك تىزىملىكى|سۈنئىي ئەقلىي]] ئىقتىدارلىق پروگراممىلارنى مەشىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات بەلگە قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
{| class="wikitable"
! colspan="2" |Scale AI, Inc.
شىكالا س ئە شىركىتى
|-
| colspan="2" |[[ھۆججەت:Scale AI.svg|center|thumb|شىكال س ئە لوگوسى]]
|-
|شىركەت تىپى
|Inc.
گورۇھلۇق شىركەت
|-
|قۇرۇلغان ۋاقىت
|2016
|-
|جاي
|سان فرانسىسكو،
كالىفورنىيە،
ئا ق ش
|-
|قۇرغۇچى ۋە
ب ئى ئە
|ۋاڭ ئالېكساندىر
|-
|خىزمەتچىلەر
|600 (2024)
|-
|تور بېكەت
|scale.com
|}
=== كەچمىش ===
Scale 2016-يىلى [[ئالېكساندىر ۋاڭ]] ۋە [[لۇسىگۇڭ بازىرى|لۇسى گو]] تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى Quora شىركىتىدە خىزمەت قىلغان.
دەسلەپتە بۇ شىركەت ئادەم ئەمگەكلىرىگە تايىنىپ ئالگورىزمىلار بىر تەرەپ قىلالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايتتى. Accel شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى دەن لېۋىن Scale شىركىتىگە 4 مىليون 500 مىڭ [[ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى|دوللار]] مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەر ئاستى ئۆيىنى ۋاقىتلىق باش شىتاب قىلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ۋاڭ بىلەن گو Scale ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ AI قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى شىركەتلەرگە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. Scale نىڭ باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارىدىن Dragoneer مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، يولۋاس يەر شارى باشقۇرۇش ۋە Index Ventures قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2018-يىلى، گو فامىلىلىك «مەھسۇلات كۆرۈش قارىشى ۋە يول خەرىتىسىگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشىماسلىق» سەۋەبىدىن شىركەتتىن ئايرىلدى.
ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى شىركەتلەر Scale شىركىتىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى. ''فوربېس'' 2019-يىلى 6-ئايدا كۆرگەن بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئاساسلانغاندا، Scale ئەينى چاغدا يىللىق كىرىمى 40 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
2019-يىلى 8-ئايدا، Scale شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، پېتىر تېل قۇرغۇچىلار فوندى 100 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، يەككەمۈڭگۈز ([[يۇنىكورىن|يۇنىكورېىن]]) سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2021-يىلى 7-ئايدا، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات بەلگە قىلىشقا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقتىن، شىركەتنىڭ قىممىتى 7 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن.
2023-يىلى 1-ئايدا، Scale شىركىتى ٪20 خىزمەتچىنى قىسقارتتى.
2024-يىلى 3-ئايدا، Accel يەنە بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ قىممىتى 13 مىليارد دوللارغا يەتتى. 2024-يىلى 5-ئايدا، Scale [[ئامازون]] ۋە [[فەيىسبوك|مېتا]] سۇپىسى قاتارلىق يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن 1 مىليارد دوللار مەبلەغ توپلاپ، باھانى 14 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدى.
2024-يىلى 12-ئايدا، بىر سابىق خىزمەتچى شىركەتنى مائاش ئالدامچىلىقى ۋە ئىشچىلارنى خاتا تۈرگە ئايرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
bqh0aydtumxm8kqz0e9mlganrikpgnr
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:KiranBOT
3
23728
172860
2025-06-16T10:26:31Z
KiranBOT
24212
soft redirect to [[:en:user talk:sernamekiran]]
172860
wikitext
text/x-wiki
{{soft redirect|en:User talk:Usernamekiran}}
qr0mf2vw16c27hfhur0f0o18ckxriwd
ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Usernamekiran
3
23729
172861
2025-06-16T10:26:35Z
KiranBOT
24212
soft redirect to [[:en:user talk:sernamekiran]]
172861
wikitext
text/x-wiki
{{soft redirect|en:User talk:Usernamekiran}}
qr0mf2vw16c27hfhur0f0o18ckxriwd