Wikipedia ugwiki https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D8%B4_%D8%A8%DB%95%D8%AA MediaWiki 1.45.0-wmf.7 first-letter ۋاسىتە ئالاھىدە مۇنازىرە ئىشلەتكۈچى ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى Wikipedia Wikipediaمۇنازىرىسى ھۆججەت ھۆججەت مۇنازىرىسى MediaWiki MediaWiki مۇنازىرىسى قېلىپ قېلىپ مۇنازىرىسى ياردەم ياردەم مۇنازىرىسى تۈر تۈر مۇنازىرىسى TimedText TimedText talk Module Module talk كۈچلۈك 0 20592 172931 172922 2025-06-25T16:06:40Z Yafesi 11484 172931 wikitext text/x-wiki {{ھۆكۈمدارلار رامكىسى|ئات-تەگئات=كۈلچۈك|سەلتەنىتى=1211—1218|سەلتەنەت=1211—1218|ئالدىنقى-ھۆكۈمدار=يوللىغ جىلۇگۇ|تۇغۇلغان=؟|ۋاپاتى=1218|مىللىتى=نايمان تۈرك|دىنى=نېستورىيان، كېيىنچە بۇددىست بولغان}} '''كۈچلۈك''' (كوچلك خان، [[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى|لاتىن]]: Küchlük؛ موڭغۇلچە: Хүчлүг، خىتايچە: 屈出律، 曲出律 ياكى 古出鲁克؛ تو. ؟ — ئۆ. 1218) نايمان خانى [[تايانخان|تايانخاننىڭ]] ئوغلى، گۈرخان [[يوللىغ جىلۇگۇ]] (چىرگۇ) ئاداققى [[غەربىي لياۋ سۇلالىسى|قاراقىتان]] ھۆكۈمدارى. ==ھاياتى== === غەربكە قېچىش === [[نايمان خانلىقى|نايمان]] خانى [[تاياڭخان]] 1204 - يىلى [[چىڭگىزخان]] بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئ‍ۆلدى. تاياڭخان ئوغلى كۈچلۈك تاغىسى [[بۇيرۇق خان|بۇيرۇقخانغا]] سىغىندى. 1206 - يىلى بۇيرۇقخان ئۆلگەندىن كېيىن، كۈچلۈك [[مەركىتلەر|مەركىت ئۇرۇغىنىڭ]] باشلىقى [[توقتوغا (مەركىت بېگى)|توقتوغا]] بىلەن بىرلىشىپ چىڭگىزخانغا قارشى كۈرەشكەن. 1208 - يىلى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىنىدا چىڭگىزخان تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان سوقۇشتا توقتۇغا ئوق تېگىپ ئۆلدى، كۈچلۈك [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى|ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ]] باششەھرى [[بەشبالىق|بەشبالىققا]] قاچتى. كېيىن ئۇ يەردىن [[كۇچا (كۈسەن)|كۇچاغا]] سىغىندى. بۇ تېخى ئ‍ىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلمىغان، قارا قىتانلارغا قارام چاغلار ئىدى. كۈچلۈكنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ئاز بولۇپ، قىسقا مۇددەتتە يېگۈلۈك قالمىغاندىن كېيىن چېرىكلىرى تارقىلىپ كەتتى. ئادەمسىز قالغان كۈچلۈك قاراقىتان گۈرخانى يوللىغ جىلۇگۇغا سىغىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىردى. [[جامىئۇت تەۋارىخ|جامىئۇتتەۋارىخ]] (جامع التواريخ) تە كېلىشىچە، كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ھارۋىكەشتەك ياسىنىپ كىرىدۇ. بۇ تۇرۇق قاراخىتاي بەگ-بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن، گۈرخاننىڭ خانىشى [[گۈربيېسۇ]] (گۈربېكە\菊儿别速) ۋە قىزى [[قۇلقۇ مەلىكە|قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ]] (渾忽公主) ئۆگدىسىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن مەلىكە قۇلقۇ قۇنچۇي كۈچلۈككە ياتلىق قىلىنغان.<ref>ئاتا مەلىك جۈۋەينىي، «تارىخىي جاھانگۇشا»، خې گاۋچى تەرجىمىسى، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1985، خوخوت، 1- قىسىم، 71—75، 78، 421—422 - بەتلەر.</ref> === تەختكە چىقىشى === 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقىتانلار ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ ۋە قارام ئەللەردىن [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى]]، [[خارەزمشاھلار]] ۋە [[غەربىي قاراخانىيلار خانلىقى]] گۈرخانغا ئۆكتە قوپىدۇ. كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇغا ئۆزىنىڭ [[ئىمىل]]، قايالى (ھازىرقى قازاقىستان تالدىقۇرغان) ۋە بەشبالىققا قايتىپ بېرىپ، ئەسكى نايمان خەلقىنى يىغىپ، گۈرخاننىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. يېلۇ جىلۇگۇ كۈچلۈكنى خان تەيىنلەپ، نۇرغۇن تارتۇق سوۋغاتلارنى بېرىدۇ. كۈچلۈك چېچىلىپ كەتكەن نايمانلارنى يىغىپ، قوشۇن تەشكىللەپ، [[يەتتىسۇ|يەتتەسۇنى]] بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ. كۈچلۈك خارەزمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ كىمنىڭ ئالدى بىلەن قارا قىتاننى بېسىۋالسا، زېمىن شۇنىڭ بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق تۈزىدۇ. بۇ چاغدا خارزەمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد گۈرخانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ بۇخارانى بېسىۋالغان بولسىمۇ، سەمەرقەندتە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. كۈچلۈك ئالدىن قول سېلىپ قاراقىتان بىرلىكلىرىنى تارمار قىلىدۇ ۋە گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇنىڭ ئۆزكەندتىكى خەزىنىسىنى بۇلايدۇ، ئاندىن قاراقىتان پايتەختى [[قۇزئوردۇ|قۇزئوردۇغا]] (ھازىرقى بۇرانا، قىرغىزىستاننىڭ توقماقنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ھۇجۇم قىلىدۇ. يوللىغ جىلۇگۇ سەمەرقەندتىكى ئۇرۇشنى توختىتىپ قۇزئوردۇغا قايتىپ كۈچلۈكنى مەغلۇپ قىلىدى. كۈچلۈك يەملىغا قايتىپ كېلىپ ، قايتا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى. 1210 - يىلى، قاراقىتان ئەسكەر چېرىكلەر تەرىپدىن باشبالىق قۇزئوردۇنى بۇلاڭ-تالاڭ، كۆيدۈرۈش كۆرۈلدى. بۇيرۇق مەھمۇد تەي بۇ پاجىئەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇندا چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلدى. كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن خەۋەر تېپىپ، ياندۇرقى يىلى كۈزدە 8000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدە «خۇددى كۆكتىن چۈشكەن چاقماقتەك» ھۇجۇم قىلىپ، تۇتقۇن قىلدى. كۈچلۈك قېينئاتىسىنى ئۇلۇغ گۈرخان (شاھىنشاھ)، خانىشنى خان ئانا ئېلان قىلدى ۋە ھەر كۈنى ئەرتە ۋە كەچتە ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. يوللىغ جىلۇگۇ 1213 - يىلى ئاچچىق - نادامەت ئىچىدە ئ‍ۆلدى. === كاشغەر ۋە خوتەننى ئىستىلا قىلىشى === 1205 - يىلى تەختكە چىققان شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى ھۆكۈمدارى، «تۈركمەن ئىلىكى» [[مۇھەممەد بۇغراخان IV]] گۈرخان ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە گۈرخان يېلۇ جىلۇگۇ تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، قۇزئوردۇدا قاماققا تاشلانغان بولۇپ، كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، مۇھەممەد بۇغراخاننى قاماقتىن چىقىرىپ كاشغەرگە قايتۇردى. لېكىن، كاشغەر ئەئ‍يان ئاقسۆڭەكلىرى مۇھەممەد بۇغراخاننى قارشى ئالماي، شەھەر دەرۋازىسىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈردى. كاشغەرنىڭ كۈچلۈككە بويۇن ئەگمەسلىكى سەۋەبىدىن، كۈچلۈك ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە زىرائەتلەرنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى. ئۈچ - تۆت يىلدىن كېيىن، كاشغەر ئاھالىسى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. كۈچلۈگ كاشغەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئائىلىگە بىردىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ئىنتىزامى يوق بولۇپ، ھەممە جايدا بولاڭ - تالاڭ، تاجاۋۇز ۋە ئۆلتۈرۈشتىن تەپ تارتمىدى. كۈچلۈك يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ خوتەننى بويسۇندۇردى. ئالىمالىقتىكى (بۈگۈنكى قورغاس ئەتراپى) قارلۇق خانى بۇجار كۈچلۈككە بوي سۇنۇشنى رەت قىلدى. كۈچلۈك كۆپ قېتىم ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئاخىرىدا ئۇ بۇخار خاننى ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈردى. === دىنىي تەقىپ ۋە كىتاب كۆيدۈرۈش === كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن گەرچە قاراقىتان خانلىقىنىڭ ئىسمى ۋە سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاراقىتانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي تەقىپنى يولغا قويدى. كۈچلۈك ئەسلىدە نېستورىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ كۈچىشى بىلەن بۇددا دىنىغا كىرگەن. ئۇ تۈرلۈك مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ قارا قىتان پۇقراسى يەرلىك مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنى بۇددا دىنىغا كىرىشكە ۋە قىتانچە كىيىنىشكە زورلىدى ۋە بۇ يەرلىك خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇ [[ئىسلام|ئىسلام دىنى]] ۋە [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا]] ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ خوتەندە ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن دىنىي بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن، بۇ مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر مۇسۇلماننى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلغان. ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسجىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ (ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش) قېقىپ ئازابلىغان. ئەللامە ئاستا - ئاستا قانسىراپ شىھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان. زالىم جاللات كۈچلۈك بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئەللامىنىڭ ئېسىل كۇتۇپخانىسى ۋە بارلىق مەسجىدلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇ قېتىملىق كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ۋە « قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ.»<ref>رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»، «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997-يىللىق 4-سان، 93-بەت.</ref> قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ يۈكسەلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دەۋردە خانلىق دائىرىسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلىپ، داڭلىق مەدرىسلەر ۋە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. كۈچلۈك كاشغەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن [[ساجىيە مەدرىسى]] ۋە ئوردا كۈتۈپخانىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ۋە ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. كېيىن چاغاتايخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋالىيىسى مەسئۇد بەگ 1260 - يىلى بۇ مەدرىسىنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە مەدرىسى» ۋە «سائادەت كۇتۇپخانىسى» نى سالدۇرغان. === ئۆلۈمى === 1218 - يىلى، چىڭگىزخان جەبە ۋە قۇس مەلىكنى 20 مىڭ موڭغۇل چېرىكىنى باشلاپ كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلىشقا يوللىدى. كۈچلۈك بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كاشغەردىن قېچىپ كەتتى. جەبە كاشغەرگە كىرگەندىن كېيىن دىنىي ئەركىنلىكنى ئېلان قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى كۈچلۈكتىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىرغىن قىلدى. كۈچلۈك بەدەخشانغا (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىگە) قېچىپ، ۋاخان دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىدىكى داراز جىلغىسىدا ئېزغىشىپ قالدى. بۇ يەرنىڭ تاغ يوللىرى ئەگرى - توقاي ۋە مېڭىش تەس بولۇپ، جەبە ئۆزى يەرلىك ئوۋچىلارغا كۈچلۈكىنى بىللە ئېلىپ يۈرگەن مال - مۈلۈكىنى ئولجا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش شەرتى بىلەن تۇتۇپ كېلىشىنى تاپشۇردى. كۈچلۈك قولغا چۈشكەندىن كېيىن، جەبەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى، جەبە كۈچلۈكنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن قۇس مەلىكنى كاللىنى ئېلىپ كاشغەر، ياركەند ۋە ئودۇن (خوتەن) قاتارلىق شەھەرلەردە سازايى قىلىشقا بۇيرۇدى. شەھەرلەردىكى گېنېراللارنىڭ ھەممىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ تەسلىم بولدى، قارا قىتان خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلدى. ==باشقىلار== [[چىڭگىزخان (2004 تېلېۋىزىيە تىياتىرى)]] ==سىرتقى ئۇلانمىلار== == مەنبەلەر == <references /> == مەنبەلەر == {{stub}} [[تۈر:كىشلەر]] {{خىتاي تارىخى}} bopwaux6s6bw6iiqny5aja3806xed66 172932 172931 2025-06-25T16:10:45Z Yafesi 11484 172932 wikitext text/x-wiki {{ھۆكۈمدارلار رامكىسى|ئات-تەگئات=كۈلچۈك|سەلتەنىتى=1211—1218|سەلتەنەت=1211—1218|ئالدىنقى-ھۆكۈمدار=يوللىغ جىلۇگۇ|تۇغۇلغان=؟|ۋاپاتى=1218|مىللىتى=نايمان تۈرك|دىنى=نېستورىيان، كېيىنچە بۇددىست بولغان}} '''كۈچلۈك''' (كوچلك خان، [[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى|لاتىن]]: Küchlük؛ موڭغۇلچە: Хүчлүг، خىتايچە: 屈出律، 曲出律 ياكى 古出鲁克؛ تو. ؟ — ئۆ. 1218) نايمان خانى [[تايانخان|تايانخاننىڭ]] ئوغلى، گۈرخان [[يوللىغ جىلۇگۇ]] (چىرگۇ) ئاداققى [[غەربىي لياۋ سۇلالىسى|قاراقىتان]] ھۆكۈمدارى. ==ھاياتى== === غەربكە قېچىش === [[نايمان خانلىقى|نايمان]] خانى [[تاياڭخان]] 1204 - يىلى [[چىڭگىزخان]] بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئ‍ۆلدى. تاياڭخان ئوغلى كۈچلۈك تاغىسى [[بۇيرۇق خان|بۇيرۇقخانغا]] سىغىندى. 1206 - يىلى بۇيرۇقخان ئۆلگەندىن كېيىن، كۈچلۈك [[مەركىتلەر|مەركىت ئۇرۇغىنىڭ]] باشلىقى [[توقتوغا (مەركىت بېگى)|توقتوغا]] بىلەن بىرلىشىپ چىڭگىزخانغا قارشى كۈرەشكەن. 1208 - يىلى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىنىدا چىڭگىزخان تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان سوقۇشتا توقتۇغا ئوق تېگىپ ئۆلدى، كۈچلۈك [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى|ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ]] باششەھرى [[بەشبالىق|بەشبالىققا]] قاچتى. كېيىن ئۇ يەردىن [[كۇچا (كۈسەن)|كۇچاغا]] سىغىندى. بۇ تېخى ئ‍ىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلمىغان، قارا قىتانلارغا قارام چاغلار ئىدى. كۈچلۈكنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ئاز بولۇپ، قىسقا مۇددەتتە يېگۈلۈك قالمىغاندىن كېيىن چېرىكلىرى تارقىلىپ كەتتى. ئادەمسىز قالغان كۈچلۈك قاراقىتان گۈرخانى يوللىغ جىلۇگۇغا سىغىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىردى. [[جامىئۇت تەۋارىخ|جامىئۇتتەۋارىخ]] (جامع التواريخ) تە كېلىشىچە، كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ھارۋىكەشتەك ياسىنىپ كىرىدۇ. بۇ تۇرۇق قاراخىتاي بەگ-بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن، گۈرخاننىڭ خانىشى [[گۈربيېسۇ]] (گۈربېكە\菊儿别速) ۋە قىزى [[قۇلقۇ مەلىكە|قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ]] (渾忽公主) ئۆگدىسىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن مەلىكە قۇلقۇ قۇنچۇي كۈچلۈككە ياتلىق قىلىنغان.<ref>ئاتا مەلىك جۈۋەينىي، «تارىخىي جاھانگۇشا»، خې گاۋچى تەرجىمىسى، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1985، خوخوت، 1- قىسىم، 71—75، 78، 421—422 - بەتلەر.</ref> === تەختكە چىقىشى === 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقىتانلار ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ ۋە قارام ئەللەردىن [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى]]، [[خارەزمشاھلار]] ۋە [[غەربىي قاراخانىيلار خانلىقى]] گۈرخانغا ئۆكتە قوپىدۇ. كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇغا ئۆزىنىڭ [[ئىمىل]]، قايالى (ھازىرقى قازاقىستان تالدىقۇرغان) ۋە بەشبالىققا قايتىپ بېرىپ، ئەسكى نايمان خەلقىنى يىغىپ، گۈرخاننىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. يېلۇ جىلۇگۇ كۈچلۈكنى خان تەيىنلەپ، نۇرغۇن تارتۇق سوۋغاتلارنى بېرىدۇ. كۈچلۈك چېچىلىپ كەتكەن نايمانلارنى يىغىپ، قوشۇن تەشكىللەپ، [[يەتتىسۇ|يەتتەسۇنى]] بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ. كۈچلۈك خارەزمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ كىمنىڭ ئالدى بىلەن قارا قىتاننى بېسىۋالسا، زېمىن شۇنىڭ بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق تۈزىدۇ. بۇ چاغدا خارزەمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد گۈرخانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ بۇخارانى بېسىۋالغان بولسىمۇ، سەمەرقەندتە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. كۈچلۈك ئالدىن قول سېلىپ قاراقىتان بىرلىكلىرىنى تارمار قىلىدۇ ۋە گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇنىڭ ئۆزكەندتىكى خەزىنىسىنى بۇلايدۇ، ئاندىن قاراقىتان پايتەختى [[قۇزئوردۇ|قۇزئوردۇغا]] (ھازىرقى بۇرانا، قىرغىزىستاننىڭ توقماقنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ھۇجۇم قىلىدۇ. يوللىغ جىلۇگۇ سەمەرقەندتىكى ئۇرۇشنى توختىتىپ قۇزئوردۇغا قايتىپ كۈچلۈكنى مەغلۇپ قىلىدى. كۈچلۈك يەملىغا قايتىپ كېلىپ ، قايتا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى. 1210 - يىلى، قاراقىتان ئەسكەر چېرىكلەر تەرىپدىن باشبالىق قۇزئوردۇنى بۇلاڭ-تالاڭ، كۆيدۈرۈش كۆرۈلدى. بۇيرۇق مەھمۇد تەي بۇ پاجىئەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇندا چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلدى. كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن خەۋەر تېپىپ، ياندۇرقى يىلى كۈزدە 8000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدە «خۇددى كۆكتىن چۈشكەن چاقماقتەك» ھۇجۇم قىلىپ، تۇتقۇن قىلدى. كۈچلۈك قېينئاتىسىنى ئۇلۇغ گۈرخان (شاھىنشاھ)، خانىشنى خان ئانا ئېلان قىلدى ۋە ھەر كۈنى ئەرتە ۋە كەچتە ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. يوللىغ جىلۇگۇ 1213 - يىلى ئاچچىق - نادامەت ئىچىدە ئ‍ۆلدى. === كاشغەر ۋە خوتەننى ئىستىلا قىلىشى === 1205 - يىلى تەختكە چىققان شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى ھۆكۈمدارى، «تۈركمەن ئىلىكى» [[مۇھەممەد بۇغراخان IV]] گۈرخان ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە گۈرخان يېلۇ جىلۇگۇ تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، قۇزئوردۇدا قاماققا تاشلانغان بولۇپ، كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، مۇھەممەد بۇغراخاننى قاماقتىن چىقىرىپ كاشغەرگە قايتۇردى. لېكىن، كاشغەر ئەئ‍يان ئاقسۆڭەكلىرى مۇھەممەد بۇغراخاننى قارشى ئالماي، شەھەر دەرۋازىسىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈردى. كاشغەرنىڭ كۈچلۈككە بويۇن ئەگمەسلىكى سەۋەبىدىن، كۈچلۈك ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە زىرائەتلەرنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى. ئۈچ - تۆت يىلدىن كېيىن، كاشغەر ئاھالىسى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. كۈچلۈگ كاشغەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئائىلىگە بىردىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ئىنتىزامى يوق بولۇپ، ھەممە جايدا بولاڭ - تالاڭ، تاجاۋۇز ۋە ئۆلتۈرۈشتىن تەپ تارتمىدى. كۈچلۈك يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ خوتەننى بويسۇندۇردى. ئالىمالىقتىكى (بۈگۈنكى قورغاس ئەتراپى) قارلۇق خانى بۇجار كۈچلۈككە بوي سۇنۇشنى رەت قىلدى. كۈچلۈك كۆپ قېتىم ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئاخىرىدا ئۇ بۇخار خاننى ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈردى. === دىنىي تەقىپ ۋە كىتاب كۆيدۈرۈش === كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن گەرچە قاراقىتان خانلىقىنىڭ ئىسمى ۋە سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاراقىتانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي تەقىپنى يولغا قويدى. كۈچلۈك ئەسلىدە نېستورىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ كۈچىشى بىلەن بۇددا دىنىغا كىرگەن. ئۇ تۈرلۈك مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ قارا قىتان پۇقراسى يەرلىك مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنى بۇددا دىنىغا كىرىشكە ۋە قىتانچە كىيىنىشكە زورلىدى ۋە بۇ يەرلىك خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇ [[ئىسلام|ئىسلام دىنى]] ۋە [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا]] ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ خوتەندە ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن دىنىي بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن، بۇ مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر مۇسۇلماننى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلغان. ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسجىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ (ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش) قېقىپ ئازابلىغان. ئەللامە ئاستا - ئاستا قانسىراپ شىھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان. زالىم جاللات كۈچلۈك بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئەللامىنىڭ ئېسىل كۇتۇپخانىسى ۋە بارلىق مەسجىدلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇ قېتىملىق كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ۋە « قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ.»<ref>رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»، «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997-يىللىق 4-سان، 93-بەت.</ref> قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ يۈكسەلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دەۋردە خانلىق دائىرىسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلىپ، داڭلىق مەدرىسلەر ۋە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. كۈچلۈك كاشغەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن [[ساجىيە مەدرىسى]] ۋە ئوردا كۈتۈپخانىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ۋە ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. كېيىن چاغاتايخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋالىيىسى مەسئۇد بەگ 1260 - يىلى بۇ مەدرىسىنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە مەدرىسى» ۋە «سائادەت كۇتۇپخانىسى» نى سالدۇرغان. === ئۆلۈمى === 1218 - يىلى، چىڭگىزخان جەبە ۋە قۇس مەلىكنى 20 مىڭ موڭغۇل چېرىكىنى باشلاپ كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلىشقا يوللىدى. كۈچلۈك بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كاشغەردىن قېچىپ كەتتى. جەبە كاشغەرگە كىرگەندىن كېيىن دىنىي ئەركىنلىكنى ئېلان قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى كۈچلۈكتىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىرغىن قىلدى. كۈچلۈك بەدەخشانغا (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىگە) قېچىپ، ۋاخان دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىدىكى داراز جىلغىسىدا ئېزغىشىپ قالدى. بۇ يەرنىڭ تاغ يوللىرى ئەگرى - توقاي ۋە مېڭىش تەس بولۇپ، جەبە ئۆزى يەرلىك ئوۋچىلارغا كۈچلۈكىنى بىللە ئېلىپ يۈرگەن مال - مۈلۈكىنى ئولجا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش شەرتى بىلەن تۇتۇپ كېلىشىنى تاپشۇردى. كۈچلۈك قولغا چۈشكەندىن كېيىن، جەبەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى، جەبە كۈچلۈكنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن قۇس مەلىكنى كاللىنى ئېلىپ كاشغەر، ياركەند ۋە ئودۇن (خوتەن) قاتارلىق شەھەرلەردە سازايى قىلىشقا بۇيرۇدى. شەھەرلەردىكى گېنېراللارنىڭ ھەممىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ تەسلىم بولدى، قارا قىتان خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلدى. ==كىنو- فىلم ئوبرازى== 2004 - يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان كۆپ قىسىملىق چاتما ت ۋ تىياتىرى [[چىڭگىزخان (2004 تېلېۋىزىيە تىياتىرى)|چىڭگىزخاندا]] كۈچلۈك ئوبرازىنى ئارافات نىجات جانلاندۇرغان. ==سىرتقى ئۇلانمىلار== == مەنبەلەر == <references /> == مەنبەلەر == {{stub}} [[تۈر:كىشلەر]] {{خىتاي تارىخى}} ffuhv001igzqy74zb2ck0ql3rxvz3vq 172933 172932 2025-06-25T16:44:34Z Yafesi 11484 172933 wikitext text/x-wiki {{ھۆكۈمدارلار رامكىسى|ئات-تەگئات=كۈلچۈك|سەلتەنىتى=1211—1218|سەلتەنەت=1211—1218|ئالدىنقى-ھۆكۈمدار=يوللىغ جىلۇگۇ|تۇغۇلغان=؟|ۋاپاتى=1218|مىللىتى=نايمان تۈرك|دىنى=نېستورىيان، كېيىنچە بۇددىست بولغان}} '''كۈچلۈك''' (كوچلك خان، [[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى|لاتىن]]: Küchlük؛ موڭغۇلچە: Хүчлүг، خىتايچە: 屈出律، 曲出律 ياكى 古出鲁克؛ تو. ؟ — ئۆ. 1218) نايمان خانى [[تايانخان|تايانخاننىڭ]] ئوغلى، گۈرخان [[يوللىغ جىلۇگۇ]] (چىرگۇ) ئاداققى [[غەربىي لياۋ سۇلالىسى|قاراقىتان]] ھۆكۈمدارى. ==ھاياتى== === غەربكە قېچىش === [[نايمان خانلىقى|نايمان]] خانى [[تاياڭخان]] 1204 - يىلى [[چىڭگىزخان]] بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئ‍ۆلدى. تاياڭخان ئوغلى كۈچلۈك تاغىسى [[بۇيرۇق خان|بۇيرۇقخانغا]] سىغىندى. 1206 - يىلى بۇيرۇقخان ئۆلگەندىن كېيىن، كۈچلۈك [[مەركىتلەر|مەركىت ئۇرۇغىنىڭ]] باشلىقى [[توقتوغا (مەركىت بېگى)|توقتوغا]] بىلەن بىرلىشىپ چىڭگىزخانغا قارشى كۈرەشكەن. 1208 - يىلى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىنىدا چىڭگىزخان تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان سوقۇشتا توقتۇغا ئوق تېگىپ ئۆلدى، كۈچلۈك [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى|ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ]] باششەھرى [[بەشبالىق|بەشبالىققا]] قاچتى. كېيىن ئۇ يەردىن [[كۇچا (كۈسەن)|كۇچاغا]] سىغىندى. بۇ تېخى ئ‍ىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلمىغان، قارا قىتانلارغا قارام چاغلار ئىدى. كۈچلۈكنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ئاز بولۇپ، قىسقا مۇددەتتە يېگۈلۈك قالمىغاندىن كېيىن چېرىكلىرى تارقىلىپ كەتتى. ئادەمسىز قالغان كۈچلۈك قاراقىتان گۈرخانى يوللىغ جىلۇگۇغا سىغىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىردى. [[جامىئۇت تەۋارىخ|جامىئۇتتەۋارىخ]] (جامع التواريخ) تە كېلىشىچە، كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ھارۋىكەشتەك ياسىنىپ كىرىدۇ. بۇ تۇرۇق قاراخىتاي بەگ-بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن، گۈرخاننىڭ خانىشى [[گۈربيېسۇ]] (گۈربېكە\菊儿别速) ۋە قىزى [[قۇلقۇ مەلىكە|قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ]] (渾忽公主) ئۆگدىسىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن مەلىكە قۇلقۇ قۇنچۇي كۈچلۈككە ياتلىق قىلىنغان.<ref>ئاتا مەلىك جۈۋەينىي، «تارىخىي جاھانگۇشا»، خې گاۋچى تەرجىمىسى، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1985، خوخوت، 1- قىسىم، 71—75، 78، 421—422 - بەتلەر.</ref> === تەختكە چىقىشى === 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقىتانلار ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ ۋە قارام ئەللەردىن [[قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى]]، [[خارەزمشاھلار]] ۋە [[غەربىي قاراخانىيلار خانلىقى]] گۈرخانغا ئۆكتە قوپىدۇ. كۈچلۈك يوللىغ جىلۇگۇغا ئۆزىنىڭ [[ئىمىل]]، قايالى (ھازىرقى قازاقىستان تالدىقۇرغان) ۋە بەشبالىققا قايتىپ بېرىپ، ئەسكى نايمان خەلقىنى يىغىپ، گۈرخاننىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. يېلۇ جىلۇگۇ كۈچلۈكنى خان تەيىنلەپ، نۇرغۇن تارتۇق سوۋغاتلارنى بېرىدۇ. كۈچلۈك چېچىلىپ كەتكەن نايمانلارنى يىغىپ، قوشۇن تەشكىللەپ، [[يەتتىسۇ|يەتتەسۇنى]] بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ. كۈچلۈك خارەزمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ كىمنىڭ ئالدى بىلەن قارا قىتاننى بېسىۋالسا، زېمىن شۇنىڭ بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق تۈزىدۇ. بۇ چاغدا خارزەمشاھ ئالائەددىن مۇھەممەد گۈرخانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ بۇخارانى بېسىۋالغان بولسىمۇ، سەمەرقەندتە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. كۈچلۈك ئالدىن قول سېلىپ قاراقىتان بىرلىكلىرىنى تارمار قىلىدۇ ۋە گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇنىڭ ئۆزكەندتىكى خەزىنىسىنى بۇلايدۇ، ئاندىن قاراقىتان پايتەختى [[قۇزئوردۇ|قۇزئوردۇغا]] (ھازىرقى بۇرانا، قىرغىزىستاننىڭ توقماقنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ھۇجۇم قىلىدۇ. يوللىغ جىلۇگۇ سەمەرقەندتىكى ئۇرۇشنى توختىتىپ قۇزئوردۇغا قايتىپ كۈچلۈكنى مەغلۇپ قىلىدى. كۈچلۈك يەملىغا قايتىپ كېلىپ ، قايتا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى. 1210 - يىلى، قاراقىتان ئەسكەر چېرىكلەر تەرىپدىن باشبالىق قۇزئوردۇنى بۇلاڭ-تالاڭ، كۆيدۈرۈش كۆرۈلدى. بۇيرۇق مەھمۇد تەي بۇ پاجىئەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇندا چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلدى. كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن خەۋەر تېپىپ، ياندۇرقى يىلى كۈزدە 8000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، گۈرخان يوللىغ جىلۇگۇ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدە «خۇددى كۆكتىن چۈشكەن چاقماقتەك» ھۇجۇم قىلىپ، تۇتقۇن قىلدى. كۈچلۈك قېينئاتىسىنى ئۇلۇغ گۈرخان (شاھىنشاھ)، خانىشنى خان ئانا ئېلان قىلدى ۋە ھەر كۈنى ئەرتە ۋە كەچتە ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. يوللىغ جىلۇگۇ 1213 - يىلى ئاچچىق - نادامەت ئىچىدە ئ‍ۆلدى. === كاشغەر ۋە خوتەننى ئىستىلا قىلىشى === 1205 - يىلى تەختكە چىققان شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى ھۆكۈمدارى، «تۈركمەن ئىلىكى» [[مۇھەممەد بۇغراخان IV]] گۈرخان ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە گۈرخان يېلۇ جىلۇگۇ تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، قۇزئوردۇدا قاماققا تاشلانغان بولۇپ، كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، مۇھەممەد بۇغراخاننى قاماقتىن چىقىرىپ كاشغەرگە قايتۇردى. لېكىن، كاشغەر ئەئ‍يان ئاقسۆڭەكلىرى مۇھەممەد بۇغراخاننى قارشى ئالماي، شەھەر دەرۋازىسىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈردى. كاشغەرنىڭ كۈچلۈككە بويۇن ئەگمەسلىكى سەۋەبىدىن، كۈچلۈك ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە زىرائەتلەرنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى. ئۈچ - تۆت يىلدىن كېيىن، كاشغەر ئاھالىسى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. كۈچلۈگ كاشغەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئائىلىگە بىردىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ئىنتىزامى يوق بولۇپ، ھەممە جايدا بولاڭ - تالاڭ، تاجاۋۇز ۋە ئۆلتۈرۈشتىن تەپ تارتمىدى. كۈچلۈك يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ خوتەننى بويسۇندۇردى. ئالىمالىقتىكى (بۈگۈنكى قورغاس ئەتراپى) قارلۇق خانى بۇجار كۈچلۈككە بوي سۇنۇشنى رەت قىلدى. كۈچلۈك كۆپ قېتىم ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئاخىرىدا ئۇ بۇخار خاننى ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈردى. === دىنىي تەقىپ ۋە كىتاب كۆيدۈرۈش === كۈچلۈك تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن گەرچە قاراقىتان خانلىقىنىڭ ئىسمى ۋە سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاراقىتانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي تەقىپنى يولغا قويدى. كۈچلۈك ئەسلىدە نېستورىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، قۇلقۇ قۇنچۇينىڭ كۈچىشى بىلەن بۇددا دىنىغا كىرگەن. ئۇ تۈرلۈك مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ قارا قىتان پۇقراسى يەرلىك مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنى بۇددا دىنىغا كىرىشكە ۋە قىتانچە كىيىنىشكە زورلىدى ۋە بۇ يەرلىك خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇ [[ئىسلام|ئىسلام دىنى]] ۋە [[مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام|مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا]] ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ خوتەندە ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن دىنىي بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن، بۇ مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر مۇسۇلماننى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلغان. ئەلائ‍ىدىن مۇھەممەد خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسجىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ (ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش) قېقىپ ئازابلىغان. ئەللامە ئاستا - ئاستا قانسىراپ شىھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان. زالىم جاللات كۈچلۈك بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئەللامىنىڭ ئېسىل كۇتۇپخانىسى ۋە بارلىق مەسجىدلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇ قېتىملىق كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ۋە « قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ.»<ref>رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»، «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997-يىللىق 4-سان، 93-بەت.</ref> قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ يۈكسەلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دەۋردە خانلىق دائىرىسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلىپ، داڭلىق مەدرىسلەر ۋە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. كۈچلۈك كاشغەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن [[ساجىيە مەدرىسى]] ۋە ئوردا كۈتۈپخانىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ۋە ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. كېيىن چاغاتايخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋالىيىسى مەسئۇد بەگ 1260 - يىلى بۇ مەدرىسىنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە مەدرىسى» ۋە «سائادەت كۇتۇپخانىسى» نى سالدۇرغان. === ئۆلۈمى === 1218 - يىلى، چىڭگىزخان جەبە ۋە قۇس مەلىكنى 20 مىڭ موڭغۇل چېرىكىنى باشلاپ كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلىشقا يوللىدى. كۈچلۈك بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كاشغەردىن قېچىپ كەتتى. جەبە كاشغەرگە كىرگەندىن كېيىن دىنىي ئەركىنلىكنى ئېلان قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى كۈچلۈكتىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىرغىن قىلدى. كۈچلۈك بەدەخشانغا (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىگە) قېچىپ، ۋاخان دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىدىكى داراز جىلغىسىدا ئېزغىشىپ قالدى. بۇ يەرنىڭ تاغ يوللىرى ئەگرى - توقاي ۋە مېڭىش تەس بولۇپ، جەبە ئۆزى يەرلىك ئوۋچىلارغا كۈچلۈكىنى بىللە ئېلىپ يۈرگەن مال - مۈلۈكىنى ئولجا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش شەرتى بىلەن تۇتۇپ كېلىشىنى تاپشۇردى. كۈچلۈك قولغا چۈشكەندىن كېيىن، جەبەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى، جەبە كۈچلۈكنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن قۇس مەلىكنى كاللىنى ئېلىپ كاشغەر، ياركەند ۋە ئودۇن (خوتەن) قاتارلىق شەھەرلەردە سازايى قىلىشقا بۇيرۇدى. شەھەرلەردىكى گېنېراللارنىڭ ھەممىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ تەسلىم بولدى، قارا قىتان خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلدى. ==كىنو- فىلم ئوبرازى== 2004 - يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان كۆپ قىسىملىق چاتما ت ۋ تىياتىرى [[چىڭگىزخان (2004 تېلېۋىزىيە تىياتىرى)|چىڭگىزخاندا]] كۈچلۈك ئوبرازىنى ئارافات نىجات جانلاندۇرغان. ==سىرتقى ئۇلانمىلار== == مەنبەلەر == <references /> [[تۈر:كىشلەر]] 0c175135aa0dv1qvg50ebrzqsxe0f0n